Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 22:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 ئۇلار پاۋلۇسنى تۈۋرۈككە باغلاپ قامچىلىماقچى بولغاندا، پاۋلۇس يېنىدا تۇرغان يۈزبېشىغا: - بىر رىم پۇقراسىنى سوتلىمايلا قامچىلىشىڭلار قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟ - دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 22:25
13 Referans Kwoze  

بىراق، پاۋلۇس ياساۋۇللارغا: - بىز رىم پۇقرالىرى بولساقمۇ، ئەمەلدارلار بىزنى سوراق قىلمايلا خالايىقنىڭ ئالدىدا قانۇنسىز ھالدا كالتەك بىلەن ئۇرۇپ، زىندانغا تاشلىدى. ئەمدى ئۇلار بىزنى ئوغرىلىقچە قوغلىماقچىمۇ؟ بۇنداق قىلسا بولمايدۇ. بىزنى رىم ئەمەلدارلىرى ئۆزى كېلىپ ئېلىپ كەتسۇن! - دېدى.


مەن ئۇلارغا، رىملىقلارنىڭ قانۇنى بويىچە سوراق قىلىنغۇچى ئەرز قىلغۇچى بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈشتىن ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم.


لېكىن، پاۋلۇسنى قۇتقۇزۇشنى خالىغان يۈزبېشى لەشكەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۇ ئالدى بىلەن سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قىرغاققا چىقىشىنى،


بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس يۈزبېشىلىرىدىن بىرىنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: - بۇ ياشنى قوماندان بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويسىڭىز. ئۇنىڭ قوماندانغا مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، - دېدى.


ئەتىسى، سىدون شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. يۇلىيۇس پاۋلۇسقا كەڭچىلىك قىلىپ، ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ شۇ يەردىكى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلدى.


بىزنىڭ سۇ يولى بىلەن ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىگە بېرىشىمىز قارار قىلىنغاندىن كېيىن، رىملىق ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن باشقا مەھبۇسلارنى شاھانە قوشۇندىكى يۇلىيۇس ئىسىملىق بىر يۈزبېشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.


قەيسەرىيە شەھىرىدە كورنىلىي ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ رىم قوشۇنىدىكى «ئىتالىيە» دەپ ئاتالغان قىسىمنىڭ يۈزبېشى ئىدى.


ھەزرىتى ئەيسانى كۆزەت قىلىۋاتقان يۈزبېشى ۋە لەشكەرلەر زېمىننىڭ سىلكىنىشى ۋە باشقا ھادىسىلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇشقان ھالدا: - ئۇ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! - دېيىشتى.


يۈزبېشى: - تەقسىر، ئۆيۈمگە كېلىشىڭىزگە ئەرزىمەيمەن. پەقەت بىر ئېغىزلا سۆز قىلىپ قويسىڭىز، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ.


كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار. ئۇلار سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوتقا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، ئىبادەتخانىلىرىدا قامچىلايدۇ.


بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يۈزبېشى قومانداننىڭ ئالدىغا بېرىپ: - ئۇ كىشى رىم پۇقراسى ئىكەن. سىز نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلمەمسىز؟! - دېدى.


مەقسەتكە كەلسەم، بۇ كىشىنى يەھۇدىيلار تۇتۇۋالغان بولۇپ، ئۆلتۈرمەكچى بولغانىدى. لېكىن، ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ، لەشكەر باشلاپ بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزدۇم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite