Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 22:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 بىراق، رەببىم ئەيسا ماڭا يەنە، «يېرۇسالېمدىن چىقىپ كەت! سېنى يىراق جايلارغا، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن!» دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 22:21
15 Referans Kwoze  

رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا: - بارىۋەر! مەن بۇ ئادەمنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىغا ھەم ئىسرائىللارغا مېنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈم تاللىدىم.


مەن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بۇ ئىشلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جاكارچى ۋە ئەلچى بولۇپ تەيىنلىنىپ، ئۇلارغا ئېتىقاد ۋە ھەقىقەتنى ئۆگىتىشكە ئەۋەتىلدىم. مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، مەن يالغان گەپ قىلمىدىم.


خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۈچۈن خۇددى روھانىيلاردەك ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولدۇم. بۇنىڭدىن مەقسەت، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاكلىنىپ، خۇددى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك، خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈندۇر.


ئەمدى يەھۇدىي ئەمەس بولغان سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، سىلەرگە ئەلچى بولغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ ۋەزىپەمنى ئۇلۇغ ھېسابلايمەن.


مەن بۇ خۇش خەۋەرنىڭ جاكارچىسى ۋە ئەلچىسى، شۇنداقلا ئۇ توغرىسىدا تەلىم بەرگۈچى بولۇپ تەيىنلەنگەن.


ئەمدى بۇ سىر خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ۋە بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا يېزىلغىنىدەك ئاشكارىلاندى ھەمدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا يەتكۈزۈلمەكتە.


خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەلچىلىككە تاللىدى. شۇڭا، مەن ھەر مىللەت كىشىلىرىنى خۇداغا ئىتائەت قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىمەن. بۇ، ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر.


لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقتى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا: - ئەگەر سىلەر قۇتقۇزۇلمىساڭلار، مەن جاۋابكار ئەمەس، ئۆزۈڭلار جاۋابكار. بۈگۈندىن باشلاپ، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئەمەس، يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمەن، - دېدى.


بىر كۈنى ئۇلار خۇداغا ئىبادەت قىلىپ روزا تۇتۇۋاتقان ۋاقتىدا، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا: - بارنابا بىلەن سائۇلنى مەن چاقىرغان خىزمەتلەرنى قىلىشقا ئاجرىتىڭلار، - دېدى.


خۇدا بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان پىلانىنى، يەنى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى سىرنى ۋەھىي ئارقىلىق ماڭا ئاشكارىلىدى. مەن بۇ توغرۇلۇق مۇشۇ خېتىمنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا قىسقىچە بايان قىلدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite