10 مەن يەنە، «ئى رەببىم، مەن نېمە قىلاي؟» دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا، «ئورنۇڭدىن تۇر، دەمەشققە كىر، خۇدا ساڭا تاپشۇرغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ يەردە ئۇقىسەن!» دېدى.
كېيىن، ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: - قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ - دەپ سورىدى.
پېترۇسنىڭ بۇ سۆزلىرى ئاڭلىغۇچىلارغا يۈرەككە سانجىلغان خەنجەردەك كۈچلۈك تەگدى. ئۇلار قايىل بولغىنىدىن پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەردىن: - قېرىنداشلار، ئۇنداقتا قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سوراشتى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، دەرھال ئۆزلىرىنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتكەنىدىم. ئۆزلىرىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىرى تولىمۇ ئوبدان بولدى. ئەمدى بىز ھەممەيلەن خۇدا ئۆزلىرىگە دېگەن بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن خۇدانىڭ ئالدىدا تەييار تۇرۇپتىمىز.
ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، شەھەرگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى بىرى ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ، - دېگەن جاۋاب كەلدى ھېلىقى ئاۋازدىن.
ھېلىقى كۈچلۈك نۇردىن كۆزلىرىم كۆرمەس بولۇپ قالدى. شۇڭا، يېنىمدىكىلەر قولۇمدىن يېتەكلەپ، دەمەشققە ئېلىپ كىردى.