Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 22:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 - ھۆرمەتلىك يەھۇدىي ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار! ئەمدى ئۆزۈمنى ئاقلايدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار، - دېدى پاۋلۇس.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 22:1
21 Referans Kwoze  

ئىستىپان مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەجدادىمىز ئىبراھىم تېخى مېسوپوتامىيە رايونىدىن ھاران شەھىرىگە كۆچۈپ بارمىغان ۋاقىتتا، شانۇشەۋكەتلىك خۇدا ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ:


بىرىنچى قېتىم سوتلانغىنىمدا، ماڭا ياردەم قىلىدىغانلار چىقمىدى، ئەكسىچە ھەممىسى مېنى تاشلاپ كەتتى. خۇدا ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغاي.


بەلكى، قەلبىڭلارنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن رەببىمىز ئەيساغا ئورۇن بېرىپ، ئۆزۈڭلارنى ئۇنىڭغا ئاتاڭلار. سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا بولغان ئۈمىدىڭلارنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا جاۋاب بېرىشكە ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار.


لېكىن، ئالدىنقىلىرى بولسا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشتە ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنى ئويلاپ، ئۇنى پاك قەلبى بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ زىنداندا تارتىۋاتقان ئازابىمنىڭ ئۈستىگە يۈرەك ئازابى قوشۇش ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ.


مېنىڭ بۇنداق ئويلىشىم توغرا، دەپ قارايمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىن ئالغان ئورنۇڭلار ناھايىتى مۇھىم. مەيلى مەن زىنداندا كىشەنلىنىپ ياتقان ۋاقتىمدا بولسۇن ياكى سىرتتا خۇش خەۋەرنى قوغداپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن ۋاقتىمدا بولسۇن، ھەممىڭلار مەن بىلەن بىللە خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇڭلار.


ياكى سىلەر بىزنى «ئالدىمىزدا ئەزەلدىن بېرى ئۆزىنى ئاقلاپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ ئويلاۋاتامسىلەر؟ بىز ئۇنداق قىلمىدۇق. بىز پەقەت ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان كىشىلەر سۈپىتىدە خۇدا ئالدىدا سۆزلەۋاتىمىز. سۆيۈملۈك قېرىنداشلار، بىز قىلىۋاتقان ھەممە ئىش سىلەرنىڭ ئېتىقادتا يېتىشىشىڭلار ئۈچۈندۇر.


خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن چەككەن ئەنە شۇ قايغۇلارنىڭ سىلەردە قانداق ياخشى مېۋىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئويلاڭلار: ئەستايىدىللىق بىلەن خاتالىقىڭلارنى تۈزىتىپ، ئۆزۈڭلارنى ئاقلىدىڭلار، ئاراڭلاردىكى گۇناھكارنىڭ قىلمىشىدىن غەزەپلەندىڭلار ھەمدە بۇ قىلمىشنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن خۇدانىڭ جازاسىنىڭ سىلەرگە كېلىشىدىن قورقتۇڭلار، مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولدۇڭلار، مېنىڭ ئەلچىلىك ھوقۇقۇمنى ھۆرمەتلەپ، ماڭا قىزغىن بولدۇڭلار، گۇناھكارنى جازالاش ئارقىلىق ئادالەتپەرۋەرلىكىڭلارنى كۆرسەتتىڭلار. مانا بۇلار ئارقىلىق سىلەرنىڭ بۇ ئىشتا توغرا قىلغانلىقىڭلار ئېنىق بولدى.


مېنىڭ ئەلچى ئىكەنلىكىمدىن گۇمانلىنىدىغانلارغا بېرىدىغان جاۋابىم مۇنداق:


چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئۆز قەلبىدە نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەلىشى بۇ قانۇننىڭ ئەمرلىرى قەلبىگە پۈتۈكلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ۋىجدانىمۇ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ۋىجدانى ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ، توغرا قىلغاندا بولسا ئۇلارنى ئاقلايدۇ.)


ئۈچ كۈندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇلار كەلگەندە، پاۋلۇس مۇنداق دېدى: - قېرىنداشلار! مەن خەلقىمىزگە ياكى ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئەنئەنىلەرگە قارشى ھېچقانداق ئىش قىلمىغان بولساممۇ، يېرۇسالېمدا يە ۇدىيلار تەرىپىدىن سولاققا تۇتۇلۇپ، رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدۇم.


پاۋلۇس ئۆزىنى مانا شۇنداق ئاقلىغاندا، ۋالىي فېستۇس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا: - پاۋلۇس، ساراڭ بولۇپسەن! يۇقىرى بىلىمىڭ ئەقلىڭنى ئازدۇرۇپتۇ! - دېدى.


مەن ئۇلارغا، رىملىقلارنىڭ قانۇنى بويىچە سوراق قىلىنغۇچى ئەرز قىلغۇچى بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈشتىن ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم.


شۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۆزىنى ئاقلاپ: - مەن يەھۇدىيلارنىڭ قانۇنىغا، مەركىزىي ئىبادەتخانىسىغا ياكى رىم ئىمپېراتورىغا قارشى ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىدىم، - دېدى.


پاۋلۇس ۋالىي فېلىكسنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: - جانابلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يەھۇدىي خەلقىنى سوراپ كەلگەنلىكىدىن خەۋىرىم بار. شۇڭا، ئالدىلىرىدا ئۆزۈمنى ئاقلاشقا رازىمەن.


پاۋلۇس بۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر، يەنە بەزىلىرى پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنى تالاش-تارتىشقا سېلىش ئۈچۈن، ئالىي كېڭەشمىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: - قېرىنداشلار، مەن بولسام پەرىسىيلەردىن بولىمەن ۋە بىر پەرىسىينىڭ ئوغلىمەن. مەن ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىم ئۈچۈنلا بۈگۈن بۇ يەردە سوراققا تارتىلىۋاتىمەن! - دەپ ۋارقىرىدى.


پاۋلۇس ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ: - قېرىنداشلار، مەن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ئالدىدا پاك ۋىجدانىم بىلەن ياشاپ كەلدىم، - دېدى.


يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ پاۋلۇسنىڭ تەرەپدارلىرى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئىسكەندەر ئىسىملىك ئادەمنى ئۆزلىرىنى ئاقلاش مەقسىتىدە ئالدىغا چىقاردى. ئىسكەندەر كۆپچىلىككە قول ئىشارىتى قىلىپ، يەھۇدىيلارنى ئاقلاشقا باشلىدى.


ئەي ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان قېرىنداشلار ۋە يەھۇدىي دىنىنى ياقلايدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا ھەممىمىزنى قۇتقۇزۇلسۇن دەپ، بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى.


شۇڭا، ئۇلارنىڭ سوئال-سوراقلىرىغا قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا ئالدىنئالا باش قاتۇرۇپ كەتمەڭلار.


كىشىلەر سىلەرنى، «بۇ ئادەم ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن» دەپ ئىبادەتخانىغا ياكى ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ سوراققا تارتقاندا، «ئۆزۈمنى قانداق ئاقلىسام بولار؟» ياكى «نېمە دېسەم بولار؟» دەپ ئەندىشە قىلماڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite