6 خوشلاشقاندىن كېيىن، بىز كېمىگە چىقتۇق، ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
كېيىن، شاگىرتىغا: - بۇ سېنىڭ ئاناڭ بولسۇن، - دېدى. شۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ شاگىرتى مەريەمنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزدى.
سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئېلىپ كەلمەكچى بولغان قېرىندىشىم تىتۇس ئۇ يەرگە تېخى كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كۆڭلۈم تەشۋىشكە چۈشۈپ، ئۇ يەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپلا ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە ئۇنى ئىزدەپ كەتتىم.
مانا، شۇنداق ۋاقىت كېلەي دەپ قالدى، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ئۆز يوللىرىڭلارغا كېتىسىلەر. بىراق، مەن يالغۇز قالمايمەن، چۈنكى ئاتام مەن بىلەن بىللىدۇر.
بۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىك ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بېرىپتۇ. ئاتىسى ئوغلىنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتىپتۇ.