Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 21:40 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

40 قوماندان ئىجازەت قىلدى. پاۋلۇس پەلەمپەيدە تۇرۇپ، خالايىققا قول ئىشارىتى قىلدى. كۆپچىلىك تىنچىغاندا، ئۇ ئارامىي تىلىدا سۆزلەشكە باشلىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 21:40
16 Referans Kwoze  

پېترۇس كۆپچىلىككە ئاۋاز چىقارماسلىققا قول ئىشارىتى قىلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزىنى زىنداندىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئاندىن كېيىن، ئۇ: - بۇ خەۋەرنى ياقۇپقا ۋە باشقىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار، - دەپ، ئۆزى ئۇ يەردىن باشقا يەرگە كەتتى.


ھەممىمىز يەرگە يىقىلدۇق. مەن ئارامىي تىلىدا ئېيتىلغان، «سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ سەن خۇددى خوجايىنى ئۇرسىمۇ ماڭمىغان جاھىل ئېشەككە ئوخشاش، ئۆزۈڭ زىيان تارتىسەن!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.


ئۇلار پاۋلۇسنىڭ ئارامىي تىلىدا سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ جىم بولۇشتى. پاۋلۇس سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:


يېرۇسالېمدىكى «قوي دەرۋازىسى»~نىڭ يېنىدا ئىبرانىي تىلىدا «بەيتەستا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆلچەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بەش پېشايۋان بار ئىدى.


پاۋلۇس قەلئەنىڭ پەلەمپىيىگە كەلگەندە، توپىلاڭچىلار تېخىمۇ زوراۋانلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر ئۇنى قەلئەگە كۆتۈرۈپ ئەكېتىشكە مەجبۇر بولدى.


يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ پاۋلۇسنىڭ تەرەپدارلىرى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئىسكەندەر ئىسىملىك ئادەمنى ئۆزلىرىنى ئاقلاش مەقسىتىدە ئالدىغا چىقاردى. ئىسكەندەر كۆپچىلىككە قول ئىشارىتى قىلىپ، يەھۇدىيلارنى ئاقلاشقا باشلىدى.


ئۈچ يامان روھ پادىشاھلارنى ئىبرانىيچە «ئارماگېدون» دېيىلىدىغان يەرگە توپلىدى.


ئۇلارنى باشقۇرىدىغان پادىشاھ تېگى يوق ھاڭنىڭ پەرىشتىسى ئىدى. بۇ پەرىشتىنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ئاۋاددون؛ گرېكچە ئىسمى ئاپولىيون، يەنى ھالاك قىلغۇچى ئىدى.


پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قولىنى كۆتۈرۈپ، خالايىقنى تىنچىتىپ، مۇنداق دېدى: - ئەي ئىسرائىللار ۋە يەھۇدىي ئەمەس تەقۋادارلار، قۇلاق سېلىڭلار!


شۇ كۈنلەردە، ئېتىقادچىلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ بارماقتا ئىدى. بىراق، گرېكچە سۆزلەيدىغان بەزى يەھۇدىيلار يەرلىك يەھۇدىيلاردىن رەنجىپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، كۈندىلىك تاماقنى تەقسىم قىلىشتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۇل ئاياللارغا بېرىلگەن تاماق باشقىلارنىڭكىدىن ئاز ئىكەن.


تاختىدىكى سۆزلەر ئىبرانىيچە، لاتىنچە ۋە گرېكچە ئۈچ خىل يېزىقتا يېزىلغانلىقى ھەمدە ھەزرىتى ئەيسا مىخلانغان يەر شەھەرگە يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن يەھۇدىيلار تاختىدىكى سۆزلەرنى ئوقۇغانىدى.


لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى ئېلىپ ماڭدى. ئۇ ئۆز كرېستىنى دۈمبىسىگە ئارتىپ، «باش سۆڭەك» (ئارامىي تىلىدا «گولگوتا») دېگەن يەرگە باردى.


ۋالىي پىلاتۇس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى تاشقىرىغا چىقاردى ۋە «تاش ياتقۇزۇلغان ھويلا» (ئارامىي تىلىدا «غابباتا») دېگەن يەردىكى ھۆكۈم چىقىرىش ئورنىدا ئولتۇردى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىكى تاختىغا: «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەرھال تونلىرىنى پەلەمپەيگە سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن پايانداز قىلدى ۋە بۇرغا چېلىپ، «يېھۇ پادىشاھ بولدى» دەپ جاكارلىدى.


بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان پۈتۈن يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۇ يەرنى ئۆز تىلى بىلەن «ھەقەلدەما» دەپ ئاتاشتى. بۇنىڭ مەنىسى «قان تۆكۈلگەن يەر» دېمەكتۇر.)


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite