Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 21:39 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

39 - ياق! مەن يەھۇدىي! كىلىكىيە ئۆلكىسىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان. شۇ مۇھىم شەھەرنىڭ پۇقراسىمەن. خالايىققا بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلىشىمغا ئىجازەت قىلسىڭىز! - دېدى پاۋلۇس.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 21:39
13 Referans Kwoze  

- مەنمۇ بىر يەھۇدىي، كىلىكىيە ئۆلكىسىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم، لېكىن يېرۇسالېمدا چوڭ بولدۇم. داڭلىق تەۋرات ئۇستازى غامالىيىلدىن تەلىم ئېلىپ، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا يولىدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قىزغىن ئىشلىگەنىدىم.


رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا: - سەن دەرھال «تۈز» كوچىسىغا بېرىپ، يەھۇدانىڭ ئۆيىدىن تارسۇسلۇق سائۇل ئىسىملىك بىرىنى تاپ، چۈنكى شۇ تاپتا ئۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ.


بىراق، كىرىنى ۋە ئىسكەندەرىيە شەھەرلىرى ھەم كىلىكىيە ۋە ئاسىيا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن، قۇللۇقتىن ئازاد بولغانلىقى ئۈچۈن «ھۆرلەر» دەپ ئاتالغان ئىبادەتخانىنىڭ ئەزالىرى بولغان بەزى يەھۇدىيلار ئىستىپانغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى.


بەلكى، قەلبىڭلارنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن رەببىمىز ئەيساغا ئورۇن بېرىپ، ئۆزۈڭلارنى ئۇنىڭغا ئاتاڭلار. سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا بولغان ئۈمىدىڭلارنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا جاۋاب بېرىشكە ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار.


ۋالىي خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، پاۋلۇسنىڭ قايسى ئۆلكىدىن ئىكەنلىكىنى سوراپ، ئۇنىڭ ئۆز باشقۇرۇشىدىكى كىلىكىيىدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ،


مەقسەتكە كەلسەم، بۇ كىشىنى يەھۇدىيلار تۇتۇۋالغان بولۇپ، ئۆلتۈرمەكچى بولغانىدى. لېكىن، ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ، لەشكەر باشلاپ بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزدۇم.


لەشكەرلەر پاۋلۇسنى قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشكە ئاز قالغاندا، پاۋلۇس گرېك تىلىدا قومانداندىن: - بىر ئېغىز سۆزۈم بار ئىدى، ئېيتسام بولامدىكىن؟ - دەپ سورىدى. - گرېكچە بىلىدىكەنسەن!


بىراق، پاۋلۇس ياساۋۇللارغا: - بىز رىم پۇقرالىرى بولساقمۇ، ئەمەلدارلار بىزنى سوراق قىلمايلا خالايىقنىڭ ئالدىدا قانۇنسىز ھالدا كالتەك بىلەن ئۇرۇپ، زىندانغا تاشلىدى. ئەمدى ئۇلار بىزنى ئوغرىلىقچە قوغلىماقچىمۇ؟ بۇنداق قىلسا بولمايدۇ. بىزنى رىم ئەمەلدارلىرى ئۆزى كېلىپ ئېلىپ كەتسۇن! - دېدى.


پاۋلۇسلار سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىنى ئارىلاپ، ھەرقايسى جايلاردا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتتى.


«ھۆرمەتلىك ئانتاكيا، سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلار! يېرۇسالېمدىكى قېرىنداشلىرىڭلاردىن، يەنى بىز ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەردىن سىلەرگە سالام!


ئېتىقادچىلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى قەيسەرىيە شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردىن تارسۇس دېگەن شەھەرگە يولغا سالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite