Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 21:34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

34 توپىلاڭچىلارنىڭ ئىچىدە بەزىلەر ئۇنى دېسە، بەزىلەر بۇنى دېيىشىپ، قالايمىقانچىلىق بولۇپ كەتتى. شۇڭا، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاشقا ئامالسىز قالغان قوماندان ئاخىر پاۋلۇسنى ياندىكى قەلئەگە ئېلىپ كېتىشنى بۇيرۇدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 21:34
8 Referans Kwoze  

تالاش-تارتىش ئەۋج ئېلىپ كەتتى. يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇسنى تارتىپ پارچە-پارچە قىلىۋېتىشتىن قورقۇپ قالغان قوماندان لەشكەرلىرىنىڭ زالغا كىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن پاۋلۇسنى زورلۇق بىلەن تارتىپ چىقىپ، قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشىنى بۇيرۇدى.


بۇ چاغدا، پۈتۈن تىياتىرخانىنىڭ ئىچى ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان بولۇپ، بىرى بىرنېمە دەپ ۋارقىرىسا، يەنە بىرى يەنە بىرنېمە دەپ ۋارقىرايتتى. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ نېمىگە يىغىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى.


بىراق، بۇ سۇيىقەستتىن خەۋەر تاپقان پاۋلۇسنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئوغلى دەرھال قەلئەگە كىرىپ، پاۋلۇسقا خەۋەر قىلىپ قويدى.


رىم قوماندانى پاۋلۇسنى قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشكە ئەمر قىلدى ۋە خالايىقنىڭ ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن بۇنداق چۇقان سالىدىغانلىقىنى تەكشۈرمەكچى بولۇپ، لەشكەرلىرىگە ئۇنى قامچىلاپ سوراق قىلىشنى بۇيرۇدى.


لەشكەرلەر پاۋلۇسنى قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشكە ئاز قالغاندا، پاۋلۇس گرېك تىلىدا قومانداندىن: - بىر ئېغىز سۆزۈم بار ئىدى، ئېيتسام بولامدىكىن؟ - دەپ سورىدى. - گرېكچە بىلىدىكەنسەن!


قوماندان يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇسنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ سەۋەبىنى ھەقىقىي بىلىش ئۈچۈن، ئەتىسى ئۇنى يېشىۋېتىپ، ئالىي روھانىيلار ۋە پۈتۈن يەھۇدىي ئالىي كېڭەشمىسىدىكىلەرنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىنى بۇيرۇدى. ئاندىن، پاۋلۇسنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇرغۇزدى.


بىراق، بۇ كىشى ھەققىدە مەندە پادىشاھقا مەلۇم قىلغۇدەك ئوچۇق مەلۇمات يوق. شۇڭا، ئەھۋالنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىرەر مەلۇماتقا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە ئۇنى ھەربىرلىرىنىڭ ئالدىغا، بولۇپمۇ ئاگرىپا خان ئالىيلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدىم.


ئەتىسى، پاۋلۇس ئاتلىق لەشكەرلەرنىڭ ئېلىپ بېرىشىغا تاپشۇرۇلدى. پىيادە لەشكەرلەر بولسا يېرۇسالېمدىكى قەلئەگە قايتىپ كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite