Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 21:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

30 شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر تەۋرەپ كەتتى. تەرەپ-تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كەلگەن خالايىق پاۋلۇسنى تۇتۇپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ئىبادەتخانىدا قالايمىقانچىلىق چىقمىسۇن دەپ، ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى دەرھال تاقىۋەتتى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 21:30
9 Referans Kwoze  

شۇ سەۋەبتىن، يەھۇدىيلار مېنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇتۇپ، ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى.


كۆپ قېتىم ئۇزۇن سەپەرلەردە بولۇپ، دەريالاردا ھەم قاراقچىلارنىڭ، ئۆز خەلقىمنىڭ، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا خېيىم-خەتەرلەرگە يولۇقتۇم. شەھەرلەردە، چۆللەردە، دېڭىزلاردا ۋە ساختا قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا خەۋپلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردۈم.


بۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. توپىلاڭچىلار پاۋلۇسنىڭ سەپەرداشلىرىدىن ماكېدونىيىلىك گايۇس ۋە ئارىستارخۇسلارنى تۇتۇۋېلىپ، ئالدىغا سېلىپ، ئۈستى ئوچۇق تىياتىرخانىغا ئېلىپ باردى.


ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى يار ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا ھەيدەپ ئاپىرىپ، ياردىن يىقىتىپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى.


ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا كىرگەندە، پۈتۈن شەھەر لەرزىگە كەلدى. كىشىلەر: - بۇ كىمدۇ؟ - دېيىشەتتى.


بۇنى ئاڭلىغان ھىرود پادىشاھ ئالاقزادىلىككە چۈشتى. جۈملىدىن، پۈتكۈل يېرۇسالېم خەلقىمۇ شۇنداق بولدى.


باش روھانىي يىھويادا ئاتاليانى ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا ئۆلتۈرۈشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، قوشۇننىڭ يۈزبېشىلىرىغا: _ بۇ خوتۇننى ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار! كىمكى ئۇنىڭغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى چېپىپ تاشلاڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite