Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 21:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 يەتتە كۈنلۈك مۇددەت توشۇشقا ئاز قالغاندا، ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ، جامائەتنى قۇترىتىپ، ئۇنىڭغا قول سېلىپ:

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 21:27
24 Referans Kwoze  

شۇ سەۋەبتىن، يەھۇدىيلار مېنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇتۇپ، ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى.


ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلغان يەھۇدىيلار مېنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ئۇچراتقىنىدا، مەن تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىدىن ئۆتۈپ سەدىقەمنى سۇنۇۋاتاتتىم، ئەتراپىمغا ئادەم توپلىغىنىممۇ يوق. قالايمىقانچىلىق چىقارغىنىممۇ يوق.


بىراق، يەھۇدىيلار شەھەر باشلىقلىرىنى ۋە ئابرويلۇق دىندار ئاياللارنى پاۋلۇس بىلەن بارناباغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى. ئۇلار ئۇ ئىككىسىگە زىيانكەشلىك قىلغۇزۇپ، ئۇلارنى ئۆز يەرلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى.


غاللىيو يۇنان ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بولغان ۋاقتىدا، يەھۇدىيلار بىرلىشىپ پاۋلۇسنى تۇتۇپ سوتقا ئاپىرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن:


لېكىن، سالونىكادىكى يەھۇدىيلار پاۋلۇسنىڭ بېرىيادا ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگە بېرىپ پاۋلۇسقا زىيانكەشلىك قىلىش مەقسىتىدە توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاممىنى قۇتراتتى.


لېكىن، ئانتاكيا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار كىشىلەرنى قۇتراتتى. نەتىجىدە، خەلق پاۋلۇسنى چالما-كېسەك قىلدى. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلدى دەپ ئويلاپ، شەھەر سىرتىغا سۆرەپ ئاپىرىپ تاشلىۋەتتى.


ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنمەيدىغان يەھۇدىيلار بىلەن يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۆز باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەلچىلەرنى قىيناپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى.


بىراق، ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلار باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئىدىيىسىنى زەھەرلەپ، ئۇلارنى ئېتىقادچىلارغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى.


ئۇلار مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن خەقنى، ئاقساقاللارنى ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنى قۇترىتىپ، ئىستىپاننى تۇتقۇن قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئالىي كېڭەشمىگە ئېلىپ باردى.


شۇڭا، ئۇلار ئەلچىلەرنى تۇتۇپ، ھۆكۈمەت زىندانىغا قامىدى.


شۇڭا، ئۇلار پېترۇس بىلەن يۇھاننانى تۇتقۇن قىلدى. كەچ كىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار كېچىچە تۇتۇپ تۇرۇلدى.


بىراق بۇ ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، سىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرايسىلەر. كىشىلەر سىلەرنى ئىبادەتخانىلارنىڭ سوراق قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ. ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ۋالىيلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ.


(ھېچكىممۇ ھازىرغىچە ئاخابقا ئوخشاش يامانلىققا بېرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ باقمىغانىدى. ئۇنى خوتۇنى ئىزەبەل ئازدۇرغانىدى.


ئەگەر بىرى ئۇنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئۆستۈرگەن چېچى بۇلغانغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى پاكلاش ئۈچۈن يەتتە كۈندىن كېيىن چېچىنى چۈشۈرۈۋەتسۇن.


«ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا مەلۇم بىر مۇددەت ئىچىدە ئالاھىدە بېغىشلاشقا قەسەم قىلغۇچىنىڭ مۇددىتى توشقاندا، ئۇ مۇنداق قانۇن بويىچە ئىش قىلسۇن: ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنسۇن.


مەيلى كىم بولسۇن جەسەتكە تەگكەن بولسا يەتتە كۈنگىچە ناپاكتۇر.


ئارىمىزدا پارتىيا، مېدىيا، ئېلام، مېسوپوتامىيە، يەھۇدىيە، كاپادوكىيا، پونتۇس، ئاسىيا،


بىراق، كىرىنى ۋە ئىسكەندەرىيە شەھەرلىرى ھەم كىلىكىيە ۋە ئاسىيا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن، قۇللۇقتىن ئازاد بولغانلىقى ئۈچۈن «ھۆرلەر» دەپ ئاتالغان ئىبادەتخانىنىڭ ئەزالىرى بولغان بەزى يەھۇدىيلار ئىستىپانغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى.


پاۋلۇسلار فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرىغا كىرىپ ئۆتۈپ كەتتى. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە خۇش خەۋەر تارقىتىشىغا يول قويمىغانىدى.


يەھۇدىيلارنىڭ سۇيىقەستلىرى تۈپەيلىدىن تارتقان ئازابلار ئىچىدە، كۆزۈمدىن ياش ئۈزۈلمىگەن ھالدا كەمتەرلىك بىلەن رەببىمىز ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولدۇم.


ئاسانلا بىلەلەيدىلىكى، مەن يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلىشقا بارغىنىمدىن ھازىرغىچە پەقەت ئون ئىككى كۈنلا ئۆتتى.


كۆپ قېتىم ئۇزۇن سەپەرلەردە بولۇپ، دەريالاردا ھەم قاراقچىلارنىڭ، ئۆز خەلقىمنىڭ، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا خېيىم-خەتەرلەرگە يولۇقتۇم. شەھەرلەردە، چۆللەردە، دېڭىزلاردا ۋە ساختا قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا خەۋپلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردۈم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite