ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 21:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى26 بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇ تۆت كىشىنى ئېلىپ، ئەتىسى ئۇلار بىلەن بىللە تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئۆتكۈزۈشكە باردى. ئۇ مەركىزىي ئىبادەتخانىغا كىرىپ، روھانىيلارغا ئۆزلىرىنىڭ پاكلىنىش مۇددىتىنىڭ توشۇپ، ھەرقايسىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىدىغان كۈننى مەلۇم قىلىپ قويدى. Gade chapit la |
سىز ئۇلارنى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە تەۋراتتىكى تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىدىن ئۆتۈڭ، ئۇلارنىڭ قۇربانلىق چىقىملىرىنى ئۆزىڭىز كۆتۈرۈڭ. قۇربانلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار قەسەملىرىنىڭ ئادا بولغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چاچلىرىنى چۈشۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خالايىق سىز توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى چۈشىنىدۇ ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭمۇ تەۋراتقا رىئايە قىلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرىدۇ.