23 بىزنىڭچە مۇنداق قىلسىڭىز: ئارىمىزدا خۇدانى رازى قىلىش ئۈچۈن قەسەم بەرگەن تۆت ئادەم بار.
پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە ئېتىقادچىلار بىلەن يەنە بىر مەزگىل تۇردى. كېيىن، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلالار بىلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيە ئۆلكىسىگە كەتتى. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇ دېڭىز بويىدىكى كېنھېرىيە شەھىرىدە چاچلىرىنى كەستۈرۈۋەتتى. چۈنكى، ئۇ خۇداغا بىر قەسەم قىلغانىدى.
«ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا مەلۇم بىر مۇددەت ئىچىدە ئالاھىدە بېغىشلاشقا قەسەم قىلغۇچىنىڭ مۇددىتى توشقاندا، ئۇ مۇنداق قانۇن بويىچە ئىش قىلسۇن: ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنسۇن.
ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كىشى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ ئاستىدىكى ئوتقا تاشلىسۇن.
شۇڭا، بۇ يەردىكى يەھۇدىيلار سىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىڭىزنى ئاڭلىسا، سىزگە چوقۇم زىيانكەشلىك قىلماي قالمايدۇ! ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟
يەھۇدىيلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئارىسىدا بولغىنىمدا يەھۇدىيلاردەك ياشاۋاتىمەن. تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلىنغان بولساممۇ، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشايدىغانلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن، شۇ كىشىلەردەك ياشاۋاتىمەن.