ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 21:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى18 ئەتىسى، بىز پاۋلۇس بىلەن بىللە ياقۇپنى كۆرگىلى باردۇق. ياقۇپ بىلەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى باشقا يېتەكچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلغانىدى. Gade chapit la |
جامائەتچىلىكنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلانغان ياقۇپ، پېترۇس ۋە يۇھاننالار بۇ ۋەزىپىنىڭ خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكىنىدە، ئۇلار مېنى ۋە بارنابانى قوبۇل قىلىپ، ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بىز خىزمەت قىلىدىغان، يەھۇدىيلار ئارىسىدا بولسا ئۇلار خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق.
بۇ مەسىلە توغرىسىدا پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئىككىيلەن ئۇلار بىلەن كەسكىن مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىش قىلىشتى. شۇڭا، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇس بىلەن بارناباغا بىرنەچچە ئادەم قوشۇپ: «بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بېرىپ، باشقا ئەلچىلەر ۋە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈڭلار» دەپ قارار قىلدى.