Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 21:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 قەيسەرىيىلىك ئېتىقادچىلاردىن بىرنەچچىسى بىز بىلەن ھەمسەپەر بولۇپ، يېرۇسالېمدا بىزنى مىناسون ئىسىملىك بىر سىپرۇسلۇقنىڭ ئۆيىگە باشلاپ باردى. بۇ كىشى كونا ئېتىقادچىلاردىن ئىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 21:16
15 Referans Kwoze  

ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ ھۆرمەت تاجىدۇر.


ئەتىسى، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، كېمە بىلەن قەيسەرىيە شەھىرىگە كېلىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى فىلىپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوندۇق. ئۇ بۇرۇن يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن خىزمەتكە تاللانغان يەتتە كىشىنىڭ بىرى ئىدى.


قېرىسىمۇ ئۇلار يەنە بېرىدۇ مېۋە، بۈك-باراقسان كۆكىرىپ تۇرار ھەمىشە.


لېكىن، يەنىلا سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭگە كۆرە ئىلتىماس قىلىشنى تاللىۋالدىم. بۇ ئىلتىماسنى مۇشۇ ياشقا كىرىپ قالغان ھەم ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا ھازىر مەھبۇس بولۇۋاتقان مەنكى پاۋلۇستىن دەپ بىلگىن.


زىنداندا مەن بىلەن بىللە ياتقان يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىك ۋە يۇنىيەگە سالام ئېيتقايسىلەر. ئۇلار مەندىن بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان بولۇپ، تونۇلغان ئەلچىلەردۇر.


پاۋلۇس بىلەن بارنابا بۇ ئىش يۈزىسىدىن قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشىپ، ئاخىر بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشتى. بارنابا ماركۇسنى ئېلىپ، كېمىگە ئولتۇرۇپ سىپرۇس ئارىلىغا كەتتى.


ئۇ چاغدا، ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېلىپ چىققان زىيانكەشلىك تۈپەيلىدىن ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن ئېتىقادچىلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا فەنىكىيە رايونى، سىپرۇس ئارىلى ۋە سۇرىيىدىكى ئانتاكيا شەھىرى دېگەن جايلارغا كېتىشتى. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى پەقەت يەھۇدىيلارغىلا يەتكۈزەتتى.


شۇنىڭ بىلەن، پېترۇس ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى بۇيرۇدى. كېيىن ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە، پېترۇس ئۇلار بىلەن بىللە بىرنەچچە كۈن تۇردى.


ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار قەيسەرىيىگە يېتىپ باردى. كورنىلىي تۇغقانلىرى ۋە يېقىن يار-بۇرادەرلىرىنى ئۆيىگە يىغىپ، پېترۇسلارنى كۈتۈپ تۇراتتى.


فىلىپ بولسا ئۆزىنىڭ ئاشدود شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىن قەيسەرىيە شەھىرىگىچە بولغان ھەممە شەھەرلەرنى كېزىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزدى.


مەسىلەن، مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان لاۋىيلاردىن سىپرۇستا تۇغۇلغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر ئېتىقادچى بار ئىدى. ئەلچىلەر ئۇنى بارنابا، يەنى «رىغبەتلەندۈرگۈچى» دەپ ئاتايتتى.


ئۇزۇن سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن، پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: - قېرىنداشلار، خۇدانىڭ مېنى بىرنەچچە يىل بۇرۇن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدۇرۇشقا تاللىغانلىقىدىن خەۋىرىڭلار بار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite