Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 21:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 لېكىن، پاۋلۇس: - سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا قايغۇرۇپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەببىمىز ئەيسا ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشقىلا ئەمەس، ئۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، - دەپ جاۋاب بەردى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 21:13
25 Referans Kwoze  

لېكىن، مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىماي، يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن.


سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلار ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلار خۇداغا ئاتالغان قۇربانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مەن ئىسسىق قېنىمنى سىلەرنىڭ بۇ قۇربانلىقىڭلار ئۈستىگە چاچسام، يەنى سىلەر ئۈچۈن ئۆلسەم، خۇرسەن بولىمەن ھەمدە سىلەر بىلەن بىللە شادلىققا چۆمىمەن.


ئەمدى ئۆزۈمگە كەلسەم، ھاياتىم خۇداغا قۇربانلىق ئورنىدا تەقدىم قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مېنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدىغىنىمغا ئاز قالدى.


قېرىنداشلىرىمىز قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇنىڭ قىلغان گۇۋاھلىقى بىلەن ئەجدىھانى يەڭدى. ئۇلار ھەتتا ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ئۆز جېنىنى ئايىمىدى.


مەن ھازىر سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقىنىمغا خۇرسەنمەن. چۈنكى، خۇددى ئەيسا مەسىھ ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانغا ئوخشاش، مەن ئۇنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن تارتىشقا تېگىشلىك بولغان ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز تېنىمدا تارتىۋاتىمەن.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ماڭا ئايان قىلغىنىدەك، ھاياتىمنىڭ پات ئارىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن.


كۆپچىلىك كۆز يېشى قىلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ خوشلاشتى.


ئەلچىلەر كېڭەشمىدىن چىقىپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن خورلۇق ئازابى چېكىشكە لايىق كۆرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇشتى.


بەرداشلىق بېرىش ھەققىدىكى ئەمرىمگە ئەمەل قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سىناش مەقسىتىدە پۈتۈن يەر يۈزىگە بالايىئاپەت چۈشۈرۈلىدىغان ۋاقىتتا سېنى ئۇنىڭدىن قوغداپ قالىمەن.


ئايرىلغان ۋاقتىمىزدا ئاققۇزغان كۆز ياشلىرىڭنى ئەسلىگىنىمدە، سەن بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن. سەن بىلەن كۆرۈشۈش مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ.


مېنىڭ ھەر كۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىۋاتقىنىم راست! قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا شۇنداق كۆپ ئىشلارنى قىلغانلىقى بىلەن پەخىرلەنگىنىمنىڭ راستلىقىغا ئوخشاش، بۇ سۆزۈمنىڭمۇ ھەرگىز يالغان يېرى يوقتۇر.


مەن ئۇنىڭغا مېنىڭ ئۈچۈن جەزمەن خىلمۇخىل ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىمەن، - دېدى.


ئۇ ھەممىڭلارنى سېغىندى ھەمدە ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىڭلار ئۈچۈن بىئارام بولدى.


كېمە باشلىقى يۇنۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ نېمىشقا ئۇخلاپ ياتىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇر، ئىلاھىڭغا يالۋۇر! بەلكىم ئۇنىڭ نەزىرى بىزگە چۈشسە، بىز ئامان قالارمىز، _ دېدى.


_ سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ھەققىدە ئېيتىلغان «ئاتا-ئانىسى توڭ ئۈزۈم يېسە، بالىلىرىنىڭ چىشى قاماپتۇ» دېگەن ماقالنى قايتا تىلغا ئالىسىلەر؟


سامۇئىل ئۇنىڭدىن: _ قۇلىقىمغا قويلارنىڭ مەرەشلىرى، كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلىنىۋاتىدۇ، بۇ نېمە ئىش؟ _ دەپ سورىدى.


ئېرى ئەلقانا ئۇنىڭغا: _ ھاننا، نېمىشقا كۆز يېشى قىلىسەن؟ نېمىشقا غىزا يېمەيسەن؟ نېمىشقا شۇنچىۋالا غەمكىنسەن؟ مەن سەن ئۈچۈن ئون ئوغۇلدىنمۇ ئارتۇق ئەمەسمۇ؟ _ دەيتتى.


يەرەمىيا كىشەنلىنىپ، بابىلغا سۈرگۈن قىلىنماقچى بولغان يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە ئاھالىلىرى بىلەن بىرگە راماھ شەھىرىگە ئېلىپ كېتىلدى. ئۇ يەردە قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان ئۇنى قويۇپ بەردى. ئاندىن پەرۋەردىگار قاراۋۇللار باشلىقى ئارقىلىق يەرەمىياغا سۆز قىلدى.


ھېلىقى ئۈچ باتۇر فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، سۇنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بېرىدۇ. لېكىن داۋۇت سۇنى ئىچىشنى خالىمايدۇ ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەرگە تۆكىدۇ. ئۇ:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite