10 بىز ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر كەلدى.
بۇلاردىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىرەيلەن مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، پۈتۈن رىم دۇنياسىدا قاتتىق ئاچارچىلىق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتتى. (بۇ ئاچارچىلىق دەرۋەقە كلاۋدىيۇس پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن يىللاردا يۈز بەردى.)
بۇ يەردىكى ئېتىقادچىلاردىن بەزىلىرىنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەتتە كۈن تۇردۇق. مۇقەددەس روھ ئۇلارغا پاۋلۇسنىڭ يېرۇسالېمدا تارتىدىغان ئازابلىرىدىن خەۋەر بەرگەنىدى، شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭغا يېرۇسالېمغا بارما، دەپ نەسىھەت قىلدى.
ئاسىيا ئۆلكىسىدە كۆپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، پاۋلۇس ئەفەستە توختىماسلىقنى قارار قىلغانىدى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئورما ھېيتىنى مۇمكىنقەدەر يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىرايتتى.
تىر شەھىرىدىن دېڭىز سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، پىتولىماي شەھىرىگە كەلدۇق. ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر كۈن تۇردۇق.
ھەزرىتى ئەيسا ھىرود پادىشاھ زامانىسىدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيتلەھەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلدى. كېيىن، شەرقتىن بەزى مۇنەججىملەر يېرۇسالېمغا كېلىپ، كىشىلەرگە: