Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 20:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 ھازىر مۇقەددەس روھنىڭ ئەمرىگە ئاساسەن يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن. ئۇ يەردە قانداق ئىشلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىمنى ئۇقمايمەن.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 20:22
12 Referans Kwoze  

ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار خۇددى بىر دەمدىلا پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان تۇمانغا ئوخشايدۇ.


بىزنى شۇنداق قىلىشقا قىستاۋاتقىنى ئەيسا مەسىھنىڭ مۇھەببىتىدۇر. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەممىمىز ئۈچۈن ئۆلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇن ياشاپ كەلگەن ھاياتىمىزغا نىسبەتەن ئۆلگەنلىكىمىزگىمۇ ئىشىنىمىز.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ماڭا ئايان قىلغىنىدەك، ھاياتىمنىڭ پات ئارىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن.


ئاسىيا ئۆلكىسىدە كۆپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، پاۋلۇس ئەفەستە توختىماسلىقنى قارار قىلغانىدى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئورما ھېيتىنى مۇمكىنقەدەر يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىرايتتى.


بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پاۋلۇس ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىسى ئارقىلىق يېرۇسالېمغا قايتىش قارارىغا كەلدى. ئۇ: - ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، رىم شەھىرىگە بېرىشىم كېرەك، - دېدى.


پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدە سىلاس بىلەن تىموتىينى كۈتۈپ تۇرغاندا، شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى بۇت قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن بىئارام بولدى.


ھەزرىتى ئەيسا بېشىغا كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ: - كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ - دەپ سورىدى.


ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى بۇرۇنلا كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى ئەمدى تولۇق كۆرسەتمەكچىدى.


مەن ئالدى بىلەن ئازابلىق «چۆمۈلدۈرۈش»~تىن ئۆتۈشۈم كېرەك. بۇ چۆمۈلدۈرۈش ئەمەلگە ئاشقۇچە ئىنتايىن قىينىلىۋاتىمەن.


ھەزرىتى ئەيسا ئۆلۈپ ئاندىن تىرىلىپ، ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنگە ئاز قالغاندا، يېرۇسالېمغا بېرىشنى قەتئىي قارار قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite