Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 20:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى توۋا قىلىپ، خۇداغا يۈزلىنىشكە ۋە رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۈندىدىم.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 20:21
51 Referans Kwoze  

پېترۇس ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار ھەمدە ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىدۇ.


ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، پېترۇسنى ئەيىبلەشنى توختىتىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ: - يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، خۇدا ئۇلارغىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىكەن! - دېيىشتى.


لېكىن، مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىماي، يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن.


ياق، ئۇنداق ئەمەس! گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلمىساڭلار، سىلەرمۇ ئاشۇلاردەك ھالاك بولىسىلەر.


چۈنكى، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن چەككەن قايغۇ كىشىنى توۋا قىلدۇرۇپ، ئۇنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل توۋا قىلىش كىشىنى پۇشايمان قىلدۇرمايدۇ. لېكىن، بۇ دۇنيانىڭ ھەلەكچىلىكى ئۈچۈن بولغان قايغۇ بولسا كىشىنى توۋا قىلدۇرۇشقا ئەمەس، بەلكى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.


دېمەك، ئەيسا مەسىھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئېتىراپ قىلساڭ ۋە خۇدانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرگەنلىكىگە چىن قەلبىڭدىن ئىشەنسەڭ، قۇتقۇزۇلىسەن.


سەن قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا باشلايسەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ!» دېدى.


«گۇناھلىرىغا توۋا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېگەن خۇش خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ پۈتۈن ئەللەرگە تارقىتىلىدۇ.


بۇ دۇنيادىكى يامانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچىلار زادى كىملەر؟ ئۇلار پەقەت ئەيسا مەسىھنى خۇدانىڭ ئوغلى، دەپ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلاردۇر.


ئالدى بىلەن دەمەشق خەلقىگە، يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يەھۇدىيلارغا، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى كىشىلەرگە، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ خۇش خەۋەر يەتكۈزدۈم. ئۇلارغا، «يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، خۇدا يولىغا قايتىڭلار! ˜توۋا قىلدۇق!Œ دېسەڭلار، ئۇنى سۆز بىلەن ئەمەس، ياخشى ئەمەلىيىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار!» دەپ، ئۇلارنىمۇ توۋا قىلىشقا دەۋەت قىلدىم.


ئەيسانىڭ مەسىھ، يەنى قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان بولىدۇ. ئاتىسىنى سۆيىدىغان كىشى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ سۆيىدۇ.


چۈنكى، مەن سېنىڭ رەببىمىز ئەيساغا بولغان ئېتىقادىڭ ۋە بارلىق ئېتىقادچىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ توغرىسىدا ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن.


رەببىمىز ئەيساغا بولغان ئېتىقادىڭلارنى ۋە خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئاڭلىغىنىمدىن بۇيان، مەن دۇئالىرىمدا داۋاملىق سىلەر ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، سىلەرنى ھەمىشە ئەسلىمەكتىمەن.


ھازىر مېنىڭ تېنىمدە ياشاۋاتقان مەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھتۇر. مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ياشايمەن.


شۇڭا، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولدۇق.


بۇ خۇش خەۋەردىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىق خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئايان بولۇپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەر بىر كىشى قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ خۇش خەۋەر ئاۋۋال يەھۇدىيلارغا، كېيىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە تارقىتىلغان.


بۇرۇنقى زامانلاردا، خۇدا: «بۇتقا ئىشىنىدىغانلار ھازىرچە مېنىڭ يوللىرىمنى بىلمەيدۇ» دەپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆرمەسكە سالدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، ئۇنىڭ يولىغا قايتىشقا بۇيرۇماقتا!


شۇنداق قىلىپ، شاگىرتلار يولغا چىقىپ، كىشىلەرنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا ئۈندىدى.


«ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ! شۇڭا، توۋا قىلىڭلار، خۇش خەۋەرگە ئىشىنىڭلار!» دەپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا باشلىدى.


شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ھەزرىتى ئەيسا: «گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلىڭلار، چۈنكى ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ!» دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى.


ھالبۇكى، مۇقەددەس يازمىلار پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغان بۇ ۋەدىنىڭ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارغا بېرىلىشىدۇر.


لېكىن، بىز ئىنسانلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇ سەۋەبتىن، بىز يەھۇدىيلارمۇ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلدۇق. ھېچكىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالمايدۇ.


يەھۇدىيلار بۇ خۇش خەۋەرنىڭ راستلىقىنىڭ مۆجىزىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. گرېكلار بولسا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنى قوغلاشقاچقا، بۇ خۇش خەۋەر ئۇلارنى جەلپ قىلالمايدۇ.


خۇدانىڭ ساڭا كۆرسەتكەن چوڭقۇر مېھرىبانلىقى، كەڭچىلىكى ۋە مول سەۋر-تاقىتىنى سەل چاغلاۋاتامسەن؟ ئۇنىڭ ساڭا مېھرىبانلىق كۆرسىتىشتىكى مەقسىتىنىڭ سېنى توۋا قىلىدىغان يولغا باشلاش ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟


چۈنكى، مەن ھەرقانداق ئادەمگە، مەيلى ئۇ مەدەنىيەتلىك ياكى مەدەنىيەتسىز بولسۇن، بىلىملىك ياكى بىلىمسىز بولسۇن، ھەممىسىگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە قەرزدارمەن.


شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن كۆرۈشۈشكە بىر كۈننى بەلگىلىدى. ئۇ كۈنى، پاۋلۇسنىڭ تۇرغان يېرىگە تېخىمۇ كۆپ كىشى كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيلار كۈتۈپ كەلگەن قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشقا تىرىشتى.


- رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشىڭ كېرەك. شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭ ھەم ئائىلەڭدىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ! - دېدى ئۇلار.


پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ ھەقتە: «ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭ نامى بىلەن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېگەن.


پېترۇس بىلەن يۇھاننا يەنە شۇ شەھەردە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، سامارىيىنىڭ نۇرغۇن يېزا-كەنتلىرىگە بېرىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزگەچ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! شۇنداق قىلغاندا، خۇدا گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.


پېترۇس يەنە نۇرغۇن سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردى ۋە ئۇلارغا: - سىلەر ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ بۇ زاماننىڭ چىرىپ كەتكەن كىشىلىرىگە كېلىدىغان جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇڭلار! - دەپ ئاگاھلاندۇردى.


بۇ خاتىرىلەر سىلەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى.


خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. لېكىن، ئۇنى رەت قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتتىن مەھرۇم قالىدۇ-دە، خۇدانىڭ غەزىپى مانا شۇنداقلاردىن مەڭگۈ نېرى بولمايدۇ.


مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ھەربىر گۇناھكارنىڭ توۋا قىلغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.


مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، توۋا قىلغان بىر گۇناھكار ئۈچۈن بولىدىغان ئەرشتىكى خۇرسەنلىك توۋا قىلىشى ھاجەتسىز بولغان توقسان توققۇز ئادىل كىشى ئۈچۈن بولىدىغان ئەرشتىكى خۇرسەنلىكتىن چوڭ بولىدۇ.


ئۇنداق ئەمەس! بىلىپ قويۇڭلاركى، گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلمىساڭلار، سىلەرمۇ ھالاك بولىسىلەر.


كىشىلەرگە: - يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ! - دېدى.


چۈنكى، مەن سىلەر بىلەن بىر يەردە بولمىساممۇ، قەلبىم دائىم سىلەر بىلەن بىللە. سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ تەرتىپلىك ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، خۇرسەن بولماقتىمەن.


بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ۋالىي فېلىكس يەھۇدىي ئايالى درۇسىلا بىلەن بىللە كېلىپ، پاۋلۇسنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش يولىنى ئاڭلىدى.


ئەفەس شەھىرىدە ياشايدىغان پۈتۈن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، ناھايىتى قورقۇشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بۇ يەردىمۇ كۆپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.


ئۇ يەردە مېنىڭ بەش قېرىندىشىم بار. ئۇلارنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەرگە كەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويسۇن.»


پەقەت شۇنى بىلىمەنكى، مۇقەددەس روھ مەن بارىدىغانلا شەھەرلەردە مېنى زىندان ۋە ئازابلارنىڭ كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىپ كەلمەكتە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite