10 پاۋلۇس پەسكە چۈشۈپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىپ، قۇچاقلاپ تۇرۇپ: - ھودۇقماڭلار، ئۇ تىرىك! - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرىپ ئۇلارغا: - نېمىشقا دەرد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلايسىلەر؟ بالا ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ، - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - مەن ساڭا: «ئېتىقاد قىلساڭ، خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرىسەن» دېگەنىدىمغۇ! - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن: - دوستىمىز لازار ئۇخلاپ قالدى، مەن ئۇنى ئويغاتقىلى بارىمەن، - دەپ قوشۇپ قويدى.
بۇ ئايالنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ئىچىنى ئاغرىتقان ھالدا ئۇنىڭغا: - يىغلىماڭ، - دېدى.
ئەفتىكۇس ئىسىملىك بىر يىگىت دېرىزىدە ئولتۇرغانىدى. پاۋلۇسنىڭ سۆزى داۋاملاشقانسېرى ماي چىراغنىڭ ئىسى ھۇجرىنى قاپلاپ، ھېلىقى يىگىتنى مۈگدەك باستى. كېيىن، ئۇ قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپ، ئۈچىنچى قەۋەتتىن يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. كۆپچىلىك ئۇنى يەردىن كۆتۈرۈپ قارىسا، ئۇ ئۆلۈپ بوپتىكەن.