7 ئۇلار ھەيران بولۇپ: - قاراڭلار، سۆزلىشىۋاتقانلار جەلىلىيىلىكلەر ئەمەسمۇ؟
ئۇلار تېڭىرقاپ قالغانلىقىدىن ھەيرانلىق بىلەن بىر-بىرىگە: - بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟ - دېيىشتى.
- ئەي جەلىلىيىلىكلەر، نېمىشقا بۇ يەردە ئاسمانغا قاراپ تۇرىسىلەر؟! ھەزرىتى ئەيسا ئەرشكە چىقىپ كەتتى. بىراق، ئۇ قانداق كۆتۈرۈلگەن بولسا، كەلگۈسىدە يەنە شۇنداق قايتىپ كېلىدۇ، - دېدى.
- ئەجەبا، سەنمۇ جەلىلىيىلىكمۇ نېمە؟ - دېيىشتى ئاقساقاللار، - مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇساڭ، جەلىلىيىدىن پەيغەمبەر چىقمايدىغانلىقىنى بىلەلەيسەن!}
ئۇنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ «گۈزەل دەرۋازا»~سى ئالدىدا تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرىدىغان ھېلىقى كىشى ئىكەنلىكىنى تونۇپ، داڭ قېتىپ قېلىشتى.
ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇردى ۋە ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ھەيران قالغان خالايىق خۇدانى مەدھىيىلىشىپ: - بۇنداق ئىشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدۇق، - دېيىشتى.
بۇنىڭدىن ھەيران بولغان كۆپچىلىك بىر-بىرىگە: - بۇ قانداق ئىش؟ يىپيېڭى بىر تەلىمغۇ! ئۇ دەرۋەقە جىنلارغا بۇيرۇق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن! ئۇلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە بويسۇنىدىكەن، - دېيىشتى.
ئۇ يەردە تۇرغانلار بىرئازدىن كېيىن پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ: - شۈبھىسىزكى، سەن ئەيسانىڭ شېرىكلىرىنىڭ بىرى. تەلەپپۇزۇڭدىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ، - دېيىشتى.
خالايىق: - بۇ جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ناسىرە شەھىرىدىن بولغان ئەيسا پەيغەمبەر، - دەپ جاۋاب بېرىشەتتى.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولغان ھەزرىتى ئەيسا بىللە كەلگەنلەرگە: - بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇنداق ئىشەنچنى ئىسرائىللار ئىچىدە ئۇچراتمىغانىدىم.
ئۇلار قانداقلارچە بىزنىڭ تىللىرىمىزدا سۆزلىشەلەيدۇ؟