Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 2:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئۇ چاغدا، يېرۇسالېمدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىخلاسمەن يەھۇدىيلارمۇ بار ئىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 2:5
17 Referans Kwoze  

بەزى ئىخلاسمەن كىشىلەر ئىستىپاننى دەپنە قىلىپ، ئۇنىڭغا چوڭ ھازا تۇتۇشتى.


شۇ چاغلاردا، يېرۇسالېمدا شىمون ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەن بولۇپ، خۇداغا ئىخلاسمەن، دۇرۇس بۇ ئادەم خۇدانىڭ ئىسرائىللارغا تەسەللى بېرىدىغان قۇتقۇزغۇچىنى ئەۋەتىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنىدى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭغا يار ئىدى.


لېكىن، سىلەر چوقۇم ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ ۋە مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلار، خۇش خەۋەر سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئۈمىدتىن ۋاز كەچمەسلىكىڭلار كېرەك. بۇ خۇش خەۋەر پۈتۈن يەر-يۈزىدە يەتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، مەن پاۋلۇسمۇ ئۇنى يەتكۈزۈشكە تەيىنلەندىم.


ئۇ يەردە ھانانىيا ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ خۇداغا ئىخلاسمەن، تەۋرات قانۇنىمىزغا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان كىشى بولۇپ، دەمەشقتىكى پۈتۈن يەھۇدىيلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىدى.


بىراق، يەھۇدىيلار شەھەر باشلىقلىرىنى ۋە ئابرويلۇق دىندار ئاياللارنى پاۋلۇس بىلەن بارناباغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى. ئۇلار ئۇ ئىككىسىگە زىيانكەشلىك قىلغۇزۇپ، ئۇلارنى ئۆز يەرلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى.


ئۇنىڭغا گەپ قىلغان پەرىشتە غايىب بولغاندىن كېيىن، كورنىلىي ئۆي خىزمەتچىلىرىدىن ئىككىنى ۋە شەخسىي ياردەمچىلىرى ئىچىدىكى ئىخلاسمەن بىر لەشكەرنى چاقىردى.


ئۇ تەقۋادار ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇ گەرچە يەھۇدىيلارنىڭ خۇشى يوق رىملىقلاردىن بولسىمۇ، مەردلىك بىلەن نامرات يەھۇدىيلارغا پۇل بېرەتتى ۋە دائىم خۇداغا دۇئا قىلاتتى.


فىلىپ يولغا چىقتى. يولدا ئۇ ئېفىئوپىيىلىك بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ئۇچراتتى. بۇ كىشى كانداس ئىسىملىك ئېفىئوپىيە ئايال پادىشاھىنىڭ باش خەزىنىچىسى بولۇپ، يېرۇسالېمغا خۇداغا ئىبادەت قىلغىلى بارغانىدى.


ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن كېيىنكى ئەللىكىنچى كۈنى كەلگەن ئورما ھېيتىدا، ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى.


ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەنلەر ئىچىدە يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن بەزى گرېكلارمۇ بار ئىدى.


ئۇلاردىن كلىيوپاس ئىسىملىك بىرى ھەزرىتى ئەيسادىن: - سەنزە، يېرۇسالېمدا تۇرۇپمۇ، يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن قىلچە خەۋىرىڭ يوقمۇ نېمە؟ - دەپ سورىدى.


چۈنكى، چاقماق چېقىپ، ئاسماننى بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە قانداق يورۇتقان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ يېتىپ كېلىدىغان كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇ.


خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنىڭ بارلىق مىللەتلەرگە ئاڭلىتىلىشى ئۈچۈن، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدۇ، ئاندىن زامان ئاخىرى كېلىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كەلدى.


مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ۋە نىيەتلىرىنى بىلىمەن. پۈتكۈل ئەللەر، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنى يىغىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ. ئۇلار كېلىپ، مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرىدۇ.


بۈگۈندىن باشلاپ، يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنساننى سەندىن قورقىدىغان قىلىمەن. ئۇلار سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاڭلىسا، قورقۇپ، تىترىشىپ كېتىدۇ.»


تۇنجى پىشقان زىرائەتلىرىڭلارنى ئورىغاندا، ئورما ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. كۈزدە ھوسۇلۇڭلارنى يىغقىنىڭلاردا، ھوسۇل يىغىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite