42 ئۇلار باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم جەم بولۇشۇپ ئەلچىلەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى ۋە دۇئا قىلىشاتتى.
بەزىلەردەك، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە جەم بولۇش ۋە خۇداغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايلى. ئەكسىچە، دائىم جەم بولۇپ، بىر-بىرىمىزنى ئىلھاملاندۇرايلى. بولۇپمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەنىكەنمىز، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى.
ئۇلار باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر نىيەتتە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن ئاياللار ۋە ئۇنىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى.
سىلەرنىڭمۇ بىز بىلەن قېرىنداش بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتىمىز. بىز بۇنداق قېرىنداشلىقتىن بىللە بەھرىمەن بولالايمىز. چۈنكى، بىز ھەممىمىز بىرلىكتە ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلاندۇق.
شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ.
ھەر كۈنى، مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، ئىبادەت قىلىشاتتى. ئۆيلىرىدىمۇ خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن بىر-بىرىنى مېھمان قىلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى.
يەكشەنبە كۈنى، بىز ناننى بۆلۈشۈپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدۇق. پاۋلۇس ئەتىسى كەتمەكچى بولغاچقا، كۆپچىلىككە تۈن يېرىمگىچە تەلىم بەردى.
ھەمىشە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، ئىلتىماسىڭلارنى ئېيتىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىڭلار. شۇنداقلا، سەگەك تۇرۇپ، بارلىق ئېتىقادچىلار ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار.
لېكىن سىلەر، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئۆزۈڭلارنى ئىنتايىن مۇقەددەس بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ ئۇلى ئۈستىدە ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈڭلار ۋە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ دۇئا قىلىڭلار.
دۇئا قىلىشنى توختاتماڭلار. دۇئا قىلغاندا، پۈتۈن دىققىتىڭلار بىلەن دۇئا قىلىڭلار ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.
لېكىن، سىلەر چوقۇم ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ ۋە مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلار، خۇش خەۋەر سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئۈمىدتىن ۋاز كەچمەسلىكىڭلار كېرەك. بۇ خۇش خەۋەر پۈتۈن يەر-يۈزىدە يەتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، مەن پاۋلۇسمۇ ئۇنى يەتكۈزۈشكە تەيىنلەندىم.
لېكىن، سەن ھازىرغىچە ئۆگىنىپ كەلگەن ۋە چوڭقۇر ئىشەنگەن ھەقىقەتتە داۋاملىق چىڭ تۇر. چۈنكى، بۇ ھەقىقەتنى ئىشەنچلىك كىشىلەردىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن.
ھەممىمىز خۇدا سېلىۋاتقان بىنا بولۇپ، ئەلچىلەر بىلەن پەيغەمبەرلەر بۇ بىنانىڭ ئاساسى، ئەيسا مەسىھ بولسا ئۇنىڭ ئۇل تېشىدۇر.
ئۇلار ئۇ يەرلەردە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى رەببىمىز ئەيساغا داۋاملىق سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇلار ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئۈچۈن، چوقۇم نۇرغۇن جاپالارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
بىز بولساق ئۆزىمىزنى دۇئا قىلىش ۋە خۇش خەۋەر ھەققىدە تەلىم بېرىشكە بېغىشلايلى.
ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئاياغلاشقاندا، ئۇلارنىڭ تۇرغان يېرى تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشكە باشلىدى.
سىلەر ھەم رەببىمىزنىڭ جامىدىكىدىن، ھەم جىنلارنىڭ جامىدىكىدىن ئىچسەڭلار بولمايدۇ. ھەم رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا، ھەم جىنلارنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولساڭلار بولمايدۇ.
ئۈمىد ئىچىدە شاد-خۇرام ياشاڭلار، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىڭلار. ھەر ۋاقىت دۇئادا بولۇڭلار.
بىراق، بىز ئېتىقادىدىن يېنىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد قىلىپ قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىدىغانلاردىندۇرمىز.
بارنابا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ئۇ يەردىكى خەلققە بەخت ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ كۆپچىلىكنى جان-دىلى بىلەن رەببىمىز ئەيساغا سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
دائىم مېنى ئەسلەپ تۇرغانلىقىڭلار ۋە مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن تەلىملەرگە ئەمەل قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ماختايمەن.
كېيىن، ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يەپ، ئىبادەت قىلدۇق. پاۋلۇس تاڭ ئاتقۇچە سۆزىنى داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، بىز بۇ يەردىن يولغا چىقتۇق.
ئۇلار ئارىمىزدىن چىقتى، لېكىن ئۇلار بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن ئەمەس. چۈنكى، بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن بولغان بولسا، بىزدىن ئايرىلمىغان بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى ھېچقايسىسىنىڭ راستتىنلا بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، سىلەرنى ئۆزىگە چاقىرغان خۇدادىن شۇنچە تېز ۋاز كېچىپ، باشقىچە بىر خىل خۇش خەۋەرگە ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىڭلارغا ھەيرانمەن.
پېترۇس بىلەن يۇھاننا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، كېڭەشمىدىكى ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى كۆپچىلىككە ئۇقتۇردى.
شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئىككىيلەنمۇ يولدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋە ھەزرىتى ئەيسا ناننى ئوشتۇۋاتقاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى قانداق تونۇپ قالغانلىقىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى.
ئۇلار تاماققا ئولتۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا سۇندى.
ئەمدى قېرىنداشلار، ئەگەر مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، ئۆز تىلىڭلاردا سىلەرگە خۇدا تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ھەقىقەتنى، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىم، ۋەھىي ياكى بىرەر تەلىم يەتكۈزمەي، پەقەتلا مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن بۇنداق نامەلۇم تىلدا سۆزلىسەم، سىلەرگە نېمە پايدام بولسۇن؟
چۈنكى، مەن ئاراڭلاردا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىغان بىرىنچى كۈندىن ھازىرغىچە، سىلەر مېنىڭ بۇ خىزمىتىمنى قوللاپ كەلدىڭلار.