Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 2:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈپ، ئۇ ئاتا قىلغان ئالاھىدە قابىلىيەت بىلەن ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 2:4
55 Referans Kwoze  

ئېتىقاد قىلغانلارغا مۇنداق مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىش قابىلىيىتى ھەمراھ بولىدۇ: ئۇلار مېنىڭ نامىم بىلەن جىنلارنى ھەيدىۋېتەلەيدۇ، نامەلۇم تىللاردا سۆزلىشەلەيدۇ،


ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار بولسا خۇشاللىققا ھەمدە مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە چۆمدى.


ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئاياغلاشقاندا، ئۇلارنىڭ تۇرغان يېرى تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشكە باشلىدى.


ھاراقتىن مەس بولۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئادەمنى زەئىپلىككە ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا، مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولۇڭلار.


يەنە شۇ روھ بىرىگە مۆجىزىلەر يارىتىش قابىلىيىتىنى بەرسە، يەنە بىرىگە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. بىرىگە بىرسىنىڭ يەتكۈزگەن سۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش، بىرىگە ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلەش، يەنە بىرىگە بولسا بۇ تىللارنى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ.


لېكىن، ئاتام مېنىڭ نامىم بىلەن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى سىلەرگە ھەممىنى ئۆگىتىدۇ ھەم مېنىڭ ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى ئېسىڭلارغا سالىدۇ.


پاۋلۇس قولىنى ئۇلارغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇقەددەس روھ چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى ھەم خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى.


ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىشىپ، خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى مەدھىيىلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقى شۈبھىسىز ئىدى. شۇڭا، پېترۇس:


بۇنىڭ بىلەن، ھانانىيا ھېلىقى ئۆيگە بېرىپ، قوللىرىنى سائۇلنىڭ ئۇچىسىغا تەگكۈزۈپ: - قېرىندىشىم سائۇل، بۇ يەرگە كېلىۋاتقىنىڭدا يولدا ساڭا كۆرۈنگەن رەببىمىز ئەيسا كۆزلىرىڭ ئەسلىگە كەلسۇن ۋە سېنى مۇقەددەس روھقا چۆمسۇن دەپ، مېنى شەخسەن ئۆزى ئەۋەتتى، - دېدى.


مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ئىستىپان بولسا كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ، خۇدانىڭ پارلاق نۇرىنى ۋە ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغان ھەزرىتى ئەيسانى كۆردى.


چۈنكى، يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى سۇدا چۆمۈلدۈردى، سىلەر بولساڭلار بىرنەچچە كۈن ئىچىدە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر.


مېھىر-مۇھەببەت مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. لېكىن، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىدىغان قابىلىيەت بولسا ھامان ئاخىرلىشىدۇ. مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەش ئاخىر توختايدۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرمۇ ئاخىرلىشىدۇ.


گەرچە مەن يەر-يۈزىدىكى ھەرقانداق تىلدا، ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرىدا سۆزلىيەلىسەممۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، سۆزلىرىم قۇلاققا خۇش ياقمايدىغان داقا-دۇمباق ياكى يېقىمسىز قوڭغۇراق ئاۋازىدەك بولۇپ قالىدۇ.


بىراق، مۇقەددەس روھقا چۆمگەن سائۇل (گرېكچە ئىسمى پاۋلۇس ) ھېلىقى سېھىرگەرگە تىكىلىپ قاراپ،


چۈنكى، نېمە دېيىشىڭلارنى مۇقەددەس روھ شۇ ۋاقىتتا سىلەرگە ئۆگىتىدۇ.


مەن بۇنداق نامەلۇم تىلدا شەخسەن ھەممىڭلاردىن كۆپ سۆزلەيدىغانلىقىم ئۈچۈن، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن.


ئېتىقاد يولىدا ماڭغىنىڭلاردا، ئۈمىدنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا قەلبىڭلارنى شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-ئامانلىققا تولدۇرغاي! بۇنىڭ بىلەن، سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر.


پېترۇس مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى: - خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەتلىك رەھبەرلىرى ۋە ئاقساقاللىرى!


بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارغا بىر پۈۋلەپ: - خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا مۇيەسسەر بولۇڭلار.


ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، ئىئوردان دەرياسىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ئۇنى چۆل-باياۋانغا ئېلىپ باردى.


خۇدا بۇ پەيغەمبەرلەرگە ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۈگۈنكى كۈندە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەر ئەرشتىن ئەۋەتىلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن بۇ ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزدى. ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈشكە تەلپۈنىدۇ.


ھەممىڭلارنىڭ مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن، سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشۈڭلارنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلەنگەن سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردىمى بولىدىغان بىرەرسى بولمىسا، ئۇ چاغدا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشتىن، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتى كۆپ ئەۋزەل بولىدۇ.


مەن گەپ قىلىشقا باشلىغاندا، مۇقەددەس روھ خۇددى بۇرۇن بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزغا چۈشكىنىدەك، ئۇلارغىمۇ چۈشتى.


ئەلچىلەرنىڭ تەكلىپىگە ھەممەيلەن قوشۇلۇشتى. شۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىك ئىمانى كامىل ۋە مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ئىستىپان ئىسىملىك بىر ئېتىقادچىنى تاللىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، فىلىپ، پروكورۇس، نىكانور، تىمون، پارمېناس ھەمدە بۇرۇن يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن ئانتاكيالىق نىكولاسلارنى تاللاپ،


شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، مۇقەددەس روھقا چۆمگەن، دانا كىشىدىن يەتتىنى تاللاڭلار. بۇ ئىشلارنى شۇلار باشقۇرسۇن.


بىراق شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مۇقەددەس روھ ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەندە، سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە تولۇپ، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە ئۆلكىلىرى، ھەتتا دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر.


ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ، ھاراق-شاراب ئىچمەيدۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپلا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمگەن بولىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىلەن ئۇلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدە مۇنداقتۇر: ساڭا ئاتا قىلغان روھىم، ئاغزىڭغا سالغان سۆزلىرىم ئاغزىڭدىن ئايرىلمايدۇ، ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئايرىلمايدۇ، بۈگۈندىن تارتىپ مەڭگۈگە ئايرىلمايدۇ.» بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


ئۇنداق بولسا، پەرۋەردىگار غەيرىي تىلدا سۆزلەيدىغانلار ئارقىلىق، يات مىللەتلەرنىڭ ئاغزى ئارقىلىق، بۇ خەلققە سۆزلىسۇن.


پەرۋەردىگارنىڭ روھى مەن ئارقىلىق سۆزلىدى، مېنىڭ تىلىمدىدۇر ئۇنىڭ سۆزلىرى.


ھەمىشە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، ئىلتىماسىڭلارنى ئېيتىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىڭلار. شۇنداقلا، سەگەك تۇرۇپ، بارلىق ئېتىقادچىلار ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار.


ئۇ مۇقەددەس روھقا چۆمگەن، ئىمانى كامىل، ياخشى بىر ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن ئادەم رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.


خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىگە تولغان ئىستىپان خەلق ئىچىدە زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى.


چۈنكى، مەن سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار قارشى چىقالمىغۇدەك ۋە رەت قىلالمىغۇدەك سۆز قابىلىيىتى ۋە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن.


ئاندىن، يەھيانىڭ ئاتىسى زەكەرىيا مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى:


ئېلىزابېت مەريەمنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندا، قورسىقىدىكى بوۋاق سەكرەپ كەتتى. ئېلىزابېت مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: - ئاياللار ئىچىدە ئەڭ بەختلىك ئايالسەن، قورسىقىڭدىكى بوۋاقمۇ بەختلىكتۇر.


لېكىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ روھىغا چۆمدۈم، قۇدرەت، ئادالەت ۋە كۈچكە تولدۇم. مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالىمەن.


سوراق قىلىنغان ۋاقتىڭلاردا، قانداق جاۋاب بېرىش ياكى نېمە دېيىشتىن ئەندىشە قىلماڭلار. چۈنكى، ئۇ چاغدا قىلىدىغان سۆزلىرىڭلار سىلەرگە نېسىپ قىلىنىدۇ.


سائۇل خىزمەتكارى بىلەن گىبئاھقا كەلگەندە، بىر توپ پەيغەمبەرلەرگە يولۇقتى. شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭغىمۇ تۇيۇقسىز چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېلىقى بىر توپ پەيغەمبەرلەرگە قوشۇلۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلدى.


چۈنكى، ھەرقانداق ۋەھىي ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرى بولۇپ، مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرلەندۈرۈشى بىلەن يەتكۈزۈلگەن.


سۈرگۈندىكى قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئارىسىغا بار، ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالسۇن ياكى سالمىسۇن، سەن ئۇلارغا: «ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دەپ جاكارلا.


ئەي پەرۋەردىگار، مەن ساڭا ئوخشاشلا غەزەپكە تولدۇم، ھەقىقەتەن چىدىيالمىدىم.» پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «غەزىپىڭنى كوچىدا ئويناۋاتقان بالىلارغا ۋە توپلاشقان ياشلارغا چاچ. غەزىپىڭنى ئەرلەر ۋە ئاياللار، شۇنىڭدەك ياشانغانلارغىمۇ چاچ.


ئۇنىڭغا: _ قاچانغىچە مەست يۈرىسەن؟ شارابتىن ئۆزۈڭنى تارت! _ دېدى.


ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە خۇددى ئوت يالقۇنىدەك بىر نەرسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم چۈشكەنلىكىنى كۆردى.


پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا چۈشتى.


- خۇدا خۇددى بىزگە ئاتا قىلغاندەك، ئۇلارغىمۇ مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلغان تۇرسا، ئۇلارنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا كىم قوشۇلمايتتى؟! - دېدى.


ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلىدىغان خۇدا ئۆزىنىڭ روھىنى بىزگە ئاتا قىلغىنىدەك، يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ئاتا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite