Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 2:36 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

36 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي ئىسرائىل قېرىنداشلار، شۇنى قەتئىي بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدا سىلەر كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن ھەزرىتى ئەيسانى ھەم رەببىمىز، ھەم بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلىدىغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ قىلىپ تەيىنلىدى! - دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 2:36
25 Referans Kwoze  

چۈنكى، ھەربىرىمىز ھازىرقى تېنىمىزدە ياشىغان ۋاقتىمىزدىكى ياخشى-يامان ئەمەلىيىتىمىزگە يارىشا چوقۇم قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا ھېساب بېرىپ جاۋابقا ئېرىشىمىز.


شۇندىلا ئىسرائىل خەلقى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مېنىڭ خەلقىم ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئۇ كۈن كەلگەندە، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى ئۈچۈن بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇ بۇلاق ئۇلارنىڭ بارچە گۇناھلىرى ۋە ناپاكلىقىنى يۇيىدۇ.»


بۈگۈن پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىدا رەببىڭلار بولغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ دۇنياغا كەلدى!


مەن پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتىمەنكى، مېنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە قىلغان شەپقەتلىك ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى بىلەن يېڭى ئەھدە تۈزىدىغان بىر ۋاقىت كېلىدۇ.


ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، ئەي ئىسرائىل خەلقىدىن بولغان بارلىق جەمەتلەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار.


ئەي ئادەم بالىسى، شۇ سەۋەبتىن سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىللار، مېنىڭ سىلەرنى بۇ زېمىنغا قايتۇرۇشۇم سىلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ نامىنى قوغداش ئۈچۈندۇر. چۈنكى سىلەر بارغان يات ئەللەردە مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدىڭلار.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹بىلىشىڭلار كېرەككى، سىلەر مېنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشىمغا لايىق ئەمەسسىلەر. ئەي ئىسرائىل خەلقى، قىلمىشىڭلاردىن خىجىل بولۇڭلار ۋە نومۇس قىلىڭلار.›


مۇقەددەس يەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدىن ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 2.5 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر يەرنى ئايرىۋېلىڭلار. شۇ يەرگە شەھەر جايلاشسۇن، بۇ شەھەر پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە تەۋە بولىدۇ.


- بىز سىلەرنى ئەيسا ھەققىدە كىشىلەرگە تەلىم بەرمەڭلار، دەپ قاتتىق چەكلىگەنىدۇق. لېكىن، سىلەر يەنە شۇ تەلىمىڭلارنى پۈتۈن يېرۇسالېمغا يايدىڭلار ھەمدە ئەيسانىڭ قان قەرزىنى بىزگە ئارتماقچى بولۇۋاتىسىلەر! - دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite