Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 2:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 چۈنكى، سەن مېنى ئۆلۈكلەر دىيارىدا تاشلاپ قويمايسەن. سېنىڭ سادىق خىزمەتكارىڭنىڭ تېنىنىڭمۇ چىرىشىگە يول قويمايسەن.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 2:27
26 Referans Kwoze  

بىلىمەن، تاشلاپ قويمايسەن مېنى گۆر ئىچىگە، يول قويمايسەن تەقۋادارىڭنىڭ تېنىنىڭ چىرىشىگە.


پادىشاھ داۋۇت خۇدانىڭ ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلىپ، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى، يەنى ئۆلۈكلەر دىيارىدا تاشلاپ قويۇلمايدىغانلىقىنى ۋە تېنىنىڭ چىرىمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.


ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، لېكىن ئەمدى مەڭگۈ ھايات ياشايمەن. ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمدا.


دېڭىز ئۆزىدىكى ئۆلۈكلەرنى، ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىمۇ ئۆزلىرىدىكى ئۆلۈكلەرنى تاپشۇرۇشتى. ھەركىم ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى.


«ئەي ئۆلۈم، غەلىبەڭ يوق ئەمدى! ئەي ئۆلۈم، نەشتىرىڭ يوق ئەمدى!»


بۇ ئىش ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر دەمدىلا يۈز بېرىدۇ. كاناي چېلىنىشى بىلەنلا، ئۆلگەن ئېتىقادچىلار چىرىمەس تەن بىلەن تىرىلىدۇ، بىزلەرمۇ ئۆزگىرىمىز.


ھەزرىتى ئەيسا: - تاشنى ئېلىۋېتىڭلار! - دېدى. ئۆلگۈچىنىڭ ھەدىسى مارتا: - ئى رەببىم، ئالەمدىن ئۆتكىنىگە تۆت كۈن بولدى، ھازىر جەسىتى پۇراپ كەتكەندۇ، - دېدى.


چۈنكى قۇتقۇزدۇڭ جېنىمنى جەھەننەم دەرگاھىدىن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ شۇنچە چەكسىز بولغاچ ماڭا.


- فىلادېلفىيىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«مۇقەددەس ۋە ئىشەنچلىك، قولىدا داۋۇتنىڭ ئاچقۇچى بولغان، ئىشىكنى ئاچسام ھېچكىم ياپالمايدۇ، ياپسام ھېچكىم ئاچالمايدۇ دېگۈچى مۇنداق دەيدۇ:


سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھتىن مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممىڭلار ھەقىقەتنى بىلىسىلەر.


- ئەي ناسىرەلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! بىزنى يوقاتماقچىمۇسەن؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن. خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسەن! - دەپ توۋلاپ كەتتى.


- خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ. ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ.


- ئەي ناسىرەلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! بىزنى يوقاتماقچىمۇسەن؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن. خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسەن! - دەپ توۋلاپ كەتتى.


ئەي كەپەرناھۇملۇقلار! ئاسمانغا چىقماقچىمىدىڭلار؟ ئەكسىچە، دوزاخقا تاشلىنىسىلەر. چۈنكى، ئاراڭلاردا ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى سودومدا ياراتقان بولسام، ئۇ شەھەر بۈگۈنكى كۈنگىچە مەۋجۇت بولغان بولاتتى.


چۆكۈپ كەتتىم دېڭىزدىكى تاغلارنىڭ ئاستىغا، چىقىش يوللىرى مەڭگۈگە ئېتىلگەن جايغا. لېكىن ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، قۇتقۇزۇۋالدىڭ جېنىمنى ئۆلۈكلەر ماكانىدىن.


ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى، گۆرىستان ۋەھىمىسى قاپسىدى مېنى، قايغۇ، ھەسرەت ئىلكىگە ئالدى مېنى.


بىر ۋەھىيىڭدە مۇنداق دېگەنىدىڭ سادىق ئۆز بەندەڭگە: «مەن بىر ئەزىمەتكە ياردىمىمنى يەتكۈزدۈم، ئەل ئارىسىدىن ئۇنى تاللاپ، كۆتۈردۈم.


لېكىن خۇدا ئۆز يېنىغا تارتار مېنى، گۆر ئازابىدىن خالاس قىلىپ جېنىمنى. سېلاھ


دەل شۇ ئەھۋال بىزنىڭ شەھىرىمىزدە يۈز بەردى! ھىرود خان بىلەن ۋالىي پىلاتۇس رىملىق لەشكەرلەر ۋە ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىشىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ، ئۆزۈڭ تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى ئەيساغا قارشى توپلاندى.


مۇقەددەس ۋە ئادىل بولغان ھەزرىتى ئەيسانى رەت قىلىپ، ۋالىي پىلاتۇستىن ئۇنىڭ ئورنىغا بىر قاتىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار.


ئۇ يەر ئاستىدا قاتتىق ئازاب چېكىپتۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراق بىر جايدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى لازارنى كۆرۈپ:


ئاندىن، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىلگىرى سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا ئېيتقانىدىم. مەن: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات، باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا بايان قىلىنغان ماڭا دائىر ئىشلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» دېگەن ئەمەسمۇ؟


شۇڭا، مەن ئۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن مەدھىيە ئوقۇيمەن. ئۆلسەممۇ، تېنىم ئۈمىد ئىچىدە تۇرىدۇ.


ھەقىقىي ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان يولنى ماڭا كۆرسەتتىڭ. ئەمدى سەن مېنى ھۇزۇرۇڭدا خۇشاللىققا چۆمدۈرىسەن.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite