ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 2:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى23 ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ ئالدىنئالا بىلىشى ۋە پىلانى بويىچە سىلەرگە تاپشۇرۇلدى. سىلەر ئۇنى خۇدايىمىزغا ئىشەنمىگەن رەزىل ئادەملەرگە تۇتۇپ بېرىپ، كرېستكە مىخلىتىپ ئۆلتۈرگۈزدۈڭلار. Gade chapit la |
يېرۇسالېم خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى ھەر دەم ئېلىش كۈنى ئىبادەتخانىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ ئوقۇلۇشىنى ئاڭلىسىمۇ، چۈشەنمەيتتى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا لايىق دېيىشى بىلەن، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتقانلىرى ئەمەلگە ئاشتى.
بۇ خەتنى چوقۇم يېزىشىم كېرەك، چۈنكى خۇدا يولىدا ماڭمىغان بەزى كىشىلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىۋەرسەكمۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن كەچۈرۈلىمىز، دېگەندەك تەلىملەرنى بېرىپ، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنى رەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا بۇرۇنلا پۈتۈلگەن.
بۇرۇن يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادلىرى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن، كېيىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى رەببىمىز ئەيسانى ئۆلتۈردى. ھازىر يەنىلا بەزى يەھۇدىيلار بىزگىمۇ زۇلۇم سېلىپ، بىزنى بىز خۇش خەۋەر تارقىتىۋاتقان شەھەرلەردىن قوغلاپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرى خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ. ئۇلار خۇددى پۈتكۈل ئىنسانلار بىلەن دۈشمەنلەشكەندەك، بىزنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار گۇناھلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، چېكىگە يەتكۈزمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى ئۇلارغا چۈشۈش ئالدىدا تۇرىدۇ.