13 بەزىلەر: - بۇلار ئوبدانلا مەس بولۇپ قاپتۇ! - دەپ مەسخىرە قىلىشتى.
ئەگەر پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىڭلار جەم بولۇپ، ھەممە ئادەم ئۆز ئالدىغا بۇنداق نامەلۇم تىلدا سۆزلەۋەرگەندە بۇنىڭدىن خەۋىرى بولمىغانلار ياكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئاراڭلارغا كىرىپ قالسا، «سىلەر ساراڭ بولۇپ قاپسىلەر!» دېيىشمەمدۇ؟
سىلەر بىزنى مەس بولۇپ قاپتۇ، دەۋاتامسىلەر؟ ئۇنداق ئەمەس، تېخى ئەمدى ئەتىگەن سائەت توققۇز بولدى.
ئۇنىڭغا: _ قاچانغىچە مەست يۈرىسەن؟ شارابتىن ئۆزۈڭنى تارت! _ دېدى.
ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى جەڭ مەيدانىدىكى باتۇرلاردەك بولىدۇ. ئۇلار شارابتىن ھۇزۇرلانغاندەك خۇشاللىققا چۆمىدۇ. بۇلارنى كۆرۈپ، پەرزەنتلىرىمۇ خۇشال بولۇشىدۇ ۋە مەن پەرۋەردىگاردىن شادلىنىدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى قوغدايدۇ. ئۇلار سالغا بىلەن تاش ئېتىپ، دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ. ئۇلار جەڭدە مەستلەردەك چۇقان سالىدۇ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجەكلىرى قانغا مىلەنگەندەك، ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ قېنىغا مىلىنىدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا بارلىق خەلققە زىياپەت تەييارلايدۇ. ئاجايىپ ئېسىل تائاملار، كونا ئېسىل شارابلار بىلەن داستىخان سالىدۇ.
شېرىندۇر ئېسىل شاراب كەبى لەۋلىرىڭ. سۆيۈملۈكۈم شاراب ئاقسۇن ئىچىمىزگە، شىلدىرلاپ لېۋىمىزدىن لېۋىمىزگە.
ئىچىم يېرىلىپ كېتەي دەپ قالغان شاراب تۇلۇمىغا ئوخشاپ قالدى. خۇددى شارابقا لىق تولغان تۇلۇمدەك يېرىلىپ كېتەي دېدىم.
ھاراقتىن مەس بولۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئادەمنى زەئىپلىككە ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا، مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولۇڭلار.
ئۇلار نەقەدەر قالتىس، نەقەدەر گۈزەل-ھە! ئاشلىق ۋە شارابلار يىگىت-قىزلارغا قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ.