Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 19:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 ھازىر ھېلىقى پاۋلۇس دېگەن ئەبلەخنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن بولۇشۇڭلار كېرەك. ئۇ، «قول بىلەن ياسىۋالغان بۇتلىرىڭلار خۇدا ئەمەس» دېيىش بىلەن، ئەفەس ۋە پۈتۈن ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، تۇيۇق يولغا باشلاۋاتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 19:26
23 Referans Kwoze  

خوش، ئەمدى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆش مەسىلىسىگە كېلەيلى. بىزگە مەلۇمكى، كۆپ ئادەملەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار خۇدا ئەمەستۇر. يېگانە خۇدادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر.


بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغاچقا، ئۇنى ھۈنەرۋەننىڭ ماھارىتى بىلەن ئويۇپ ياسالغان ئالتۇن-كۈمۈش ياكى تاش بۇتلارغا ئوخشاتماسلىقىمىز كېرەك!


قالغان ئىنسانلار، يەنى بۇ بالايىئاپەتلەردىن ئامان قالغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىدى. جىنلارغا، كۆرەلمەس، ئاڭلىيالماس ۋە ماڭالماس ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە ياغاچ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كەچمىدى.


بۇ خىزمەت ئىككى يىل داۋاملاشتى. نەتىجىدە، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى پۈتۈن خەلق، يەھۇدىيلار ياكى يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن، ھەممەيلەن رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى سۆزلەردىن خەۋەردار بولدى.


- ئۇنداق قىلماڭلار! بىزمۇ ئادەم، سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان! بىز سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە كەلدۇق. خۇش خەۋەر شۇكى: ئەرزىمەس نەرسىلەرگە چوقۇنماي، مەڭگۈ ھايات بولغان بىردىنبىر خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار! ئۇ ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقلارنى ياراتقان خۇدادۇر!


سىلەر ئۇ يەردە ياغاچ ياكى تاشتىن ياسالغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر، ئۇلار ھېچنېمە كۆرەلمەيدۇ، ئاڭلىيالمايدۇ، يېيەلمەيدۇ ياكى پۇرىيالمايدۇ.


بىز بارغان جايدىكى كىشىلەر سىلەرنىڭ بىزنى ئىللىق قوبۇل قىلغانلىقىڭلارنى ئاڭلىغانىدى. ئۇلار سىلەرنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كېچىپ، ھايات بولغان ھەقىقىي خۇداغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يۈزلەنگەنلىكىڭلارنى بىزگە ئېيتتى.


بۇرۇن، خۇدانى تونۇمايدىغان ۋاقتىڭلاردا يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارنىڭ قۇلى بولغانىدىڭلار.


سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشتىن ئىلگىرى ئازدۇرۇلۇپ، جانسىز بۇتلارغا چوقۇندۇڭلار.


ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئاشۇ ئەللەرگە جاكارلا: ‹بۇ بۇتلار ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتمىغان. ئۇلار ئاسماننىڭ ئاستىدىكى زېمىندىن يوقىلىدۇ!›


ئۇلار ئەفەس شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، پاۋلۇس پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلا بىلەنمۇ خوشلاشتى. ئۇ كېتىشتىن بۇرۇن ئىبادەتخانىغا بېرىپ، يەھۇدىيلار بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.


بۇ موزاي بۇتنى ئىسرائىلىيەلىك ئۇستىلار ياسىغان، ئۇ ئىلاھ ئەمەستۇر. سامارىيەدە چوقۇنۇلغان بۇ بۇت پارە-پارە قىلىۋېتىلىدۇ.


ئاپوللوس كورىنت شەھىرىدىكى ۋاقتىدا، پاۋلۇس سەپەر قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئەفەس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە مەرھۇم يەھيا پەيغەمبەرنىڭ بەزى شاگىرتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ،


دىمىترىي ھۈنەرۋەنلىرى ۋە ئۆز خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇستىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا: - قېرىنداشلار، بىزنىڭ راۋاج تېپىشىمىزنىڭ ھۈنىرىمىزگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite