23 دەل شۇ چاغدا، ئەفەس شەھىرىدە رەببىمىز ئەيسا يولىغا قارشى ئېغىر قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى.
رەببىمىزنىڭ يولىغا نىسبەتەن خېلى بىلىمى بولغان فېلىكس سوراقنى توختىتىپ، ئۇلارغا: - دەۋايىڭلار توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى قوماندان لىسىياس كەلگەندە چىقىرىمەن، - دېدى.
لېكىن، بەزىلىرى جاھىللىق قىلىپ ئىشەنمەي، جامائەت ئالدىدا رەببىمىز ئەيسا يولىغا ھاقارەت كەلتۈردى. شۇڭا، پاۋلۇس ئېتىقادچىلارنى ئېلىپ ئۇلاردىن ئايرىلدى ۋە ھەر كۈنى تىراننۇس ئىسىملىك ئادەمنىڭ مەكتىپىدە سۆھبەتلىشىشنى داۋاملاشتۇردى.
دەمەشق شەھىرىدىكى يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىغا تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ، سائۇل دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنىڭ ياردىمىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يولىدا ماڭغان ئەر-ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى يېرۇسالېمغا سوراق قىلىشقا ئېلىپ كەلمەكچى بولدى.
تونۇلمىغان ئەرزىمەس كىشىلەردەك قارالساقمۇ، لېكىن ھەممىگە تونۇشمىز. ئۆلۈم گىردابىدا بولساقمۇ، لېكىن يەنىلا ھاياتمىز. تاياق يېگەن بولساقمۇ، ئۆلتۈرۈلمىدۇق.
بىراق بىرلا ئىشنى ئېتىراپ قىلىمەنكى: مەن يەھۇدىيلار خاتا ئېقىم دەپ قارىغان ھەزرىتى ئەيسا يولى بىلەن مېڭىپ، ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئىبادەت قىلىمەن. تەۋراتتا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا يېزىلغانلارنىڭمۇ ھەممىسىگە ئىشىنىمەن.
ھەزرىتى ئەيسا يولىدا ماڭغانلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدۇم. ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەنلەرنى ئەر-ئايال دېمەي تۇتۇپ، زىندانغا تاشلاتتىم.
ئاپوللوس ئىبادەتخانىدا يۈرەكلىك سۆزلەشكە باشلىدى. ئاڭلاۋاتقانلاردىن پرىسكىلا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ يولىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشەندۈردى.
تاياق يېدۇق، زىنداندا ياتتۇق، توپىلاڭچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكلىرىگە دۇچ كەلدۇق، ھالىمىزدىن كەتكۈدەك ئىشلىدۇق، ئۇيقۇسىز قالدۇق ۋە ئاچارچىلىقلارغا ئۇچرىدۇق.
كۆپ قېتىم ئۇزۇن سەپەرلەردە بولۇپ، دەريالاردا ھەم قاراقچىلارنىڭ، ئۆز خەلقىمنىڭ، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا خېيىم-خەتەرلەرگە يولۇقتۇم. شەھەرلەردە، چۆللەردە، دېڭىزلاردا ۋە ساختا قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا خەۋپلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردۈم.