ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 19:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى21 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پاۋلۇس ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىسى ئارقىلىق يېرۇسالېمغا قايتىش قارارىغا كەلدى. ئۇ: - ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، رىم شەھىرىگە بېرىشىم كېرەك، - دېدى. Gade chapit la |
قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم پىلانلىغان بولساممۇ، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كەلدىم. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىنىمدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم.