18 نەتىجىدە، نۇرغۇن ئېتىقادچىلار بۇرۇن قىلغان يامانلىقلىرىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى.
چۈنكى، ئىنسان چىن قەلبىدىن ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ، ئۆز ئاغزى بىلەن ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ.
گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.
ئەمدى ئىقرار قىلدىم گۇناھلىرىمنى، تونۇدۇم ئالدىڭدا ئەسكىلىكىمنى. دېگىنىمدە: «پەرۋەردىگار، ئىقرارمەن گۇناھىمغا»، خالاس قىلدىڭ ئازابتىن مېنى، كەچۈرۈپ گۇناھلىرىمنى. سېلاھ
گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئىشەنچلىك ۋە ئادىل خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق گۇناھلىرىمىزدىن پاك قىلىدۇ.
ئۇ چاغ كەلگەندە، ئۆزۈڭلارنىڭ بۇرۇن قىلغان ناچار ۋە رەزىل قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەيسىلەر ۋە بۇرۇنقى گۇناھ ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلار سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر.
سېنىڭ بارلىق گۇناھلىرىڭنى ساقىت قىلغىنىمدا، بۇرۇن قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئويلاپ، نومۇس قىلغىنىڭدىن ئاغزىڭنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمايسەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»
ئەمما سىلەر چوقۇم گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن توۋا قىلىشىڭلار كېرەك. چۈنكى سىلەر مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار. سىلەر ھەربىر بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا ئۆزۈڭلارنى يات بۇتلارغا بېغىشلاپ، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!
روناق تاپالماس ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان، رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ قول ئۈزگەن.
لېكىن سىلەر ئاخىرى ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ گۇناھلىرىنى، يەنى ماڭا قىلغان ئاسىيلىقىڭلار ۋە قارشىلىقلىرىڭلارنى ئېتىراپ قىلىسىلەر.
ئۇ ئىككى قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئاسىيلىقى، ئىتائەتسىزلىكى ۋە گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلسۇن ۋە ئۇلارنى تېكىگە يۈكلىسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن بەلگىلەنگەن ئادەم تېكىنى چۆلگە قوغلىۋەتسۇن.
ئەفەس شەھىرىدە ياشايدىغان پۈتۈن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، ناھايىتى قورقۇشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بۇ يەردىمۇ كۆپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.
سېھىرگەرلىك قىلغان بىرمۇنچە ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ سېھىرگەرلىك توغرىسىدىكى كىتابلىرىنى ئەكېلىپ بىر يەرگە دۆۋىلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرۈشتى. بۇ كىتابلارنىڭ قىممىتى جەمئىي ئەللىك مىڭ كۈمۈش تەڭگىگە يېتەتتى.
شۇڭا، شىپالىق تېپىش ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى ئۆزئارا ئىقرار قىلىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇر.