14 بۇ ئىشنى قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا سكېۋا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئالىي روھانىينىڭ يەتتە ئوغلىمۇ بار ئىدى.
شۇ ئەتراپتا ئايەت ئوقۇپ جىن قوغلاشنى كەسىپ قىلىۋالغان بەزى يەھۇدىيلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ، جىنلارنى ھەيدىۋەتمەكچى بولۇشاتتى. ئۇلار جىنلارغا: «پاۋلۇس ئېيتقان ئەيسانىڭ نامىدىن بۇيرۇيمەنكى، چىقىپ كېتىڭلار!» دەيدىغان بولدى.
بىر كۈنى ئۇلار جىن چاپلىشىۋالغان بىر كىشىنىڭ تېنىدىكى جىننى قوغلىماقچى بولغاندا، جىن چىقىشقا ئۇنىماي، ئۇلاردىن: - مەن ئەيسانى تونۇيمەن، پاۋلۇسنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن، بىراق ئۆزۈڭلارچۇ؟ ئۆزۈڭلار كىم بولىسىلەر؟ - دەپ سورىدى.