Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 19:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 شۇ ئەتراپتا ئايەت ئوقۇپ جىن قوغلاشنى كەسىپ قىلىۋالغان بەزى يەھۇدىيلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ، جىنلارنى ھەيدىۋەتمەكچى بولۇشاتتى. ئۇلار جىنلارغا: «پاۋلۇس ئېيتقان ئەيسانىڭ نامىدىن بۇيرۇيمەنكى، چىقىپ كېتىڭلار!» دەيدىغان بولدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 19:13
15 Referans Kwoze  

ئەگەر مەن جىنلارنى ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدىسەم، سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار جىنلارنى ھەيدەشتە كىمگە تاياندى؟! ئېيتقانلىرىڭلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىڭلار دەلىللەپ بېرىدۇ.


يۇھاننا ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، سىزنىڭ نامىڭىز بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن، ئۇ بىزگە ئوخشاش سىزگە ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى توستۇق، - دېدى.


ئەگەر دەرۋەقە شۇنداق بولسا، سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار جىنلارنى ھەيدەشتە كىمگە تاياندى؟! ئېيتقانلىرىڭلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىڭلار دەلىللەپ بېرىدۇ.


يۇھاننا ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، سىزنىڭ نامىڭىز بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن، ئۇ بىزگە ئوخشاش سىزگە ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن، بىز ئۇنى توستۇق، - دېدى.


ۋە قاتتىق ۋارقىراپ: - ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، ئىشىمغا ئارىلاشما! خۇدا ئالدىدا سەندىن ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، مېنى قىينىما! - دېدى.


لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا لام-جىم دېمىدى. باش روھانىي ئۇنىڭغا: - مەڭگۈ ھايات خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىشىڭنى بۇيرۇيمەن. ئېيتقىن، خۇدانىڭ ئوغلى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ سەنمۇ؟ - دېدى.


لېكىن پادىشاھ: _ مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سۆز قىلغىنىڭدا راستچىل بول، دەپ قانچە قېتىم قەسەم قىلدۇردۇم؟ _ دېدى.


ئۇ كۈنى ئىسرائىللار ناھايىتى ھېرىپ، ھالىدىن كەتتى. چۈنكى سائۇل ئۇلارنى قەسەم قىلدۇرۇپ: «دۈشمەنلىرىمىزدىن ئىنتىقام ئالماي تۇرۇپ، كەچ كىرگۈچە تائام يېگەن كىشى قارغىشقا كەتسۇن» دېگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىم ھېچنېمە يېمىدى.


شۇنىڭدىن كېيىن يوشۇۋا قەسەم ئىچىپ، مۇنداق دېدى: «كىمكى ئېرىخا شەھىرىنى قايتا قۇرۇشقا ئۇرۇنىدىكەن، پەرۋەردىگار شۇنىڭغا لەنەت ياغدۇرىدۇ. كىمكى شەھەرنىڭ ئۇلىنى قويىدىكەن، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى قازا قىلىدۇ. كىمكى شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنى ئورنىتىدىكەن، ئۇ كەنجى ئوغلىدىن ئايرىلىدۇ.»


سەن مېنى بۇ يەردىن قوغلاپ، ھۇزۇرۇڭدىن ھەيدەۋاتىسەن! مەن ئەمدى ئۆي-ماكانسىز، سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا ياشايمەن. مېنى كېيىن بىرەرسى ئۇچرىتىپ قالسا، ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن!


سەن يەرگە ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، يەر ساڭا ھوسۇل بەرمەيدۇ. سەن ئەمدى سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا ياشايسەن، _ دەپ ئەيىبلىدى.


ئوغۇللىرى غېرىبانە ئۆيىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولسۇن، ياقا يۇرتلاردا رىزقىنى ئىزدەپ تىلەمچى بولسۇن.


بۇ ئىشنى قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا سكېۋا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئالىي روھانىينىڭ يەتتە ئوغلىمۇ بار ئىدى.


چۈنكى، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىپ، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا مەن يەتكۈزگەنگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر تەلىمنى يەتكۈزگەنلەرگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق يول قويدۇڭلار. سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھتىن باشقا بىر روھ ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر خوش خەۋەر توغرىسىدا ئېيتىلغانلارنىمۇ سىغدۇردۇڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite