11 خۇدا پاۋلۇس ئارقىلىق ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى ياراتتى.
ئەلچىلەر خەلق ئىچىدە نۇرغۇن مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى. بارلىق ئېتىقادچىلار مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى»~دا دائىم جەم بولاتتى.
خۇدا كۆرسەتكەن ھەر خىل مۆجىزە، كارامەت ۋە قۇدرەتلىك ئىشلار، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ھەدىيىلىرىنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەردى.
شىمون ئۆزىمۇ ئىشەندى ۋە چۆمۈلدۈرۈلدى. ئۇ ھەمىشە فىلىپ بىلەن بىللە بولدى ھەمدە فىلىپ كۆرسەتكەن زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى.
ئۇ خېلى كۆپ كۈن ئۇدا شۇنداق ۋارقىرىغانىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن بىزار بولغان پاۋلۇس قىزغا جىن چاپلىشىۋالغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ، ھېلىقى جىنغا: - ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمەنكى، ئۇنىڭ تېنىدىن چىق! - دېيىشىگىلا، جىن شۇئان چىقىپ كەتتى.
خۇدانىڭ سىلەرگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىشى ۋە ئاراڭلاردا مۆجىزىلەر يارىتىشى سىلەرنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقىڭلاردىن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلاردىندۇر.
پېترۇس گېپىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆيدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ئاندىن، بارنابا بىلەن پاۋلۇس چىقىپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن بارلىق مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىنى بايان قىلدى.
پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزدى. رەببىمىز ئەيسامۇ ئۇلارغا مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى بېرىپ، ئۇلار يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئىشەنگەن كىشى مېنىڭ ئەمەلىيىتىمدەك قىلالايدۇ. مۇنداق كىشى بۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن.