Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 18:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇلى كرىسپۇس پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. يەنە نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەس كورىنتلىقلارمۇ پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىدى ۋە چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 18:8
25 Referans Kwoze  

ئۇ ساڭا سېنىڭ ۋە ئائىلەڭنىڭ قۇتقۇزۇلۇش يولىنى سۆزلەپ بېرىدۇ» دېگەنىكەن.


لېكىن، ئۇلار ئەمدى فىلىپ يەتكۈزگەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئەيسا مەسىھكە دائىر خۇش خەۋەرگە ئىشەندى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن نۇرغۇنلىغان ئەر-ئاياللار چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.


خالايىق يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىنىڭ مەسئۇلى سوستېنىسنى تارتىپ چىقىپ، سوراقخانىنىڭ ئالدىدا قاتتىق ئۇردى. بىراق، ۋالىي غاللىيو بۇ ئىشقا قىلچە پىسەنت قىلمىدى.


ئۇ پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى ئۆز ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، ئالدىغا داستىخان سالدى. ئۇلار خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن ئائىلە بويىچە خۇشاللىققا چۆمگەنىدى.


تەۋرات ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇلارنى چاقىرتىپ: - قېرىنداشلار، ئەگەر جامائەتنى رىغبەتلەندۈرىدىغان گەپ-سۆزۈڭلار بولسا، ئېيتىڭلار، - دېدى.


ئۇ تەقۋادار ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇ گەرچە يەھۇدىيلارنىڭ خۇشى يوق رىملىقلاردىن بولسىمۇ، مەردلىك بىلەن نامرات يەھۇدىيلارغا پۇل بېرەتتى ۋە دائىم خۇداغا دۇئا قىلاتتى.


ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيىدىن كىشىلەر كېلىپ، ئىبادەتخانا مەسئۇلى يائىرغا: - قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى ئاۋارە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقمىكىن، - دېيىشتى.


بۇ چاغدا، مەلۇم بىر ئىبادەتخانىنىڭ يائىر ئىسىملىك بىر مەسئۇلى كەلدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ ئايىغىغا يىقىلىپ: - كىچىك قىزىم سەكراتقا چۈشۈپ قالدى. بېرىپ ئۇنىڭغا قولىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ ساقىيىپ ئۆمۈر كۆرسە! - دەپ يالۋۇردى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل مىللەتلەرنى مېنىڭ شاگىرتلىرىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار. ئۇلارنى خۇدائاتا، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ،


ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشنى خالىمىساڭلار، بۈگۈن قارارىڭلارنى بېرىڭلار. ئەجدادلىرىڭلار ئىلگىرى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە چوقۇنغان ئىلاھلارغا ياكى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئامورلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟ مەن ئائىلەم بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىمىز!


مەن ئۇنى ئۆز بالىلىرى ۋە ئەۋلادلىرىغا مېنىڭ يولۇمنى تۇتۇشنى ھەم ئۇلارنىڭ دۇرۇس ۋە ھەققانىي بولۇشىنى بۇيرۇسۇن، دەپ تاللىدىم. ئەگەر ئۇ شۇنداق قىلسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.»


بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدىن كورىنت شەھىرىگە باردى.


ئاپوللوس كورىنت شەھىرىدىكى ۋاقتىدا، پاۋلۇس سەپەر قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئەفەس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە مەرھۇم يەھيا پەيغەمبەرنىڭ بەزى شاگىرتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ،


خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھكە ئەلچى بولۇشقا چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن كورىنت شەھىرىدىكى خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە، جۈملىدىن يۇنان ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىگە سالام.


خۇدا ماڭا گۇۋاھچى بولسۇنكى، كورىنت شەھىرىگە قايتا بارمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى سىلەرگە قاتتىق قوللۇق قىلىپ قويۇشۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر.


ئەي كورىنتلىقلار، سىلەرگە ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىدۇق، سىلەرگە باغرىمىزنى كەڭ ئاچتۇق.


ئېراست كورىنت شەھىرىدە قالدى. تروفىم كېسەل بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۇنى مىلېت شەھىرىدە قالدۇرۇپ قويدۇم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite