Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 18:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 سىلاس بىلەن تىموتىي ماكېدونىيىدىن كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارلىق ۋاقتىنى خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە سەرپ قىلىپ، يەھۇدىيلارغا ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 18:5
33 Referans Kwoze  

بىزنى شۇنداق قىلىشقا قىستاۋاتقىنى ئەيسا مەسىھنىڭ مۇھەببىتىدۇر. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەممىمىز ئۈچۈن ئۆلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇن ياشاپ كەلگەن ھاياتىمىزغا نىسبەتەن ئۆلگەنلىكىمىزگىمۇ ئىشىنىمىز.


ئۇ جامائەت ئالدىدا يەھۇدىيلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارغا كۈچلۈك رەددىيە بەردى ھەمدە مۇقەددەس يازمىلارنى ئاساس قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بەردى.


يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى توۋا قىلىپ، خۇداغا يۈزلىنىشكە ۋە رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۈندىدىم.


لېكىن، سائۇل تېخىمۇ قايىل قىلارلىق تەلىم بېرىپ، دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدۇردى.


روھ مېنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى. ئىچىم سىقىلىپ، ئاچچىقلاندىم. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى مېنى قاماللىۋالغانىدى.


ئەگەردە، مەن ‹سېنى تىلىمغا ئالمايمەن، سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆزلىمەيمەن› دېسەم، سېنىڭ سۆزلىرىڭ يۈرىكىمدە ئوتتەك كۆيىدۇ، سۆزلىرىڭ سۆڭەكلىرىمدىكى بىر ئوتقا ئوخشايدۇ. مەن ئۇلارنى سىر ساقلاشقا تىرىشسام چارچاپ كېتىمەن، ئۇنى سۆزلەشكە مەجبۇر بولىمەن.


ئەي پەرۋەردىگار، مەن ساڭا ئوخشاشلا غەزەپكە تولدۇم، ھەقىقەتەن چىدىيالمىدىم.» پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «غەزىپىڭنى كوچىدا ئويناۋاتقان بالىلارغا ۋە توپلاشقان ياشلارغا چاچ. غەزىپىڭنى ئەرلەر ۋە ئاياللار، شۇنىڭدەك ياشانغانلارغىمۇ چاچ.


تەڭلىكتە قالدىم. بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، چۈنكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىش يوقتۇر، ئەلۋەتتە.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي ئىسرائىل قېرىنداشلار، شۇنى قەتئىي بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدا سىلەر كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن ھەزرىتى ئەيسانى ھەم رەببىمىز، ھەم بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلىدىغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ قىلىپ تەيىنلىدى! - دېدى.


مەن خۇدا يولىدىكى سادىق قېرىندىشىم سىلاسنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ قىسقىغىنا خەتنى يازدىم. ئۇشبۇ خەتنى يېزىشىمدىكى مەقسەت، سىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە خۇدانىڭ ھەقىقىي مېھىر-شەپقىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ مېھىر-شەپقەتتە چىڭ تۇرۇڭلار.


شۇ كۈنى كەچتە، پاۋلۇسقا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈپ، ماكېدونىيىلىك بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ: - دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە كېلىپ، بىزگە ياردەم بەرسىڭىز! - دەپ تەلەپ قىلدى.


پاۋلۇسلار دەربە ۋە لىسترا شەھەرلىرىگىمۇ كىرىپ ئۆتتى. لىسترادا تىموتىي ئىسىملىك بىر ئېتىقادچى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئايال ئىدى، ئاتىسى بولسا گرېك ئىدى.


شۇنداق قىلىپ، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكى باشقا پۈتۈن ئېتىقادچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىن بىرنەچچە ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنى پاۋلۇس ۋە بارنابا بىلەن بىللە ئانتاكياغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. يەھۇدا (بارسابا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن سىلاس بۇنىڭغا تاللاندى. بۇ ئىككىيلەن بۇرۇندىن ئېتىقادچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەنىدى. خەتتە مۇنداق يېزىلغان:


ئۇ بىزنىڭ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشىمىزنى، تىرىكلەر ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سوراقچىسى قىلىنىپ تەيىنلەنگەن كىشىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى خەلققە جاكارلىشىمىزنى بۇيرۇدى.


ئەمما بىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز! - دەپ جاۋاب بەردى.


سىلەرمۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر، چۈنكى سىلەر باشتىن تارتىپ مەن بىلەن بىللە بولدۇڭلار.


خەقلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ: - بىزنى يەنە قاچانغىچە گۇماندا قالدۇرىسەن؟ ئەگەر قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ بولساڭ، بىزگە ئوچۇقىنى ئېيت، - دېيىشتى.


مەن سىلەرگە: «مەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا كەلگەن يول ھازىرلىغۇچى» دېگەن. بۇنىڭغا سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ گۇۋاھلىق بېرەلەيسىلەر.


ئەندەر دەرھال ئۆز ئاكىسى سىمۇننى تېپىپ، ئۇنىڭغا: - بىز «مەسىھ»~نى تاپتۇق! - دېدى. («مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى» دېگەن مەنىدە.)


مەن ئالدى بىلەن ئازابلىق «چۆمۈلدۈرۈش»~تىن ئۆتۈشۈم كېرەك. بۇ چۆمۈلدۈرۈش ئەمەلگە ئاشقۇچە ئىنتايىن قىينىلىۋاتىمەن.


لېكىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ روھىغا چۆمدۈم، قۇدرەت، ئادالەت ۋە كۈچكە تولدۇم. مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالىمەن.


ئۇ يەردە مېنىڭ بەش قېرىندىشىم بار. ئۇلارنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەرگە كەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويسۇن.»


ئۇ يەردىن ئىچكىرىلەپ، ماكېدونىيىنىڭ شۇ رايونىدىكى فىلىپى دېگەن مۇھىم شەھەرگە ئۆتتۇق. بۇمۇ رىملىقلار ئورۇنلىشىۋالغان ۋە ئۇلار باشقۇرۇۋاتقان شەھەر ئىدى. بىز بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردۇق.


پەقەت شۇنى بىلىمەنكى، مۇقەددەس روھ مەن بارىدىغانلا شەھەرلەردە مېنى زىندان ۋە ئازابلارنىڭ كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىپ كەلمەكتە.


لېكىن، مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىماي، يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن.


مەن سىلاس ۋە تىموتىيلار بىلەن سىلەرگە خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەن خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىر دەم «ھەئە»، بىر دەم «ياق» دەيدىغانلاردىن ئەمەستۇر. ئۇ خۇدانىڭ پۈتۈن ۋەدىلىرىدىكى «ھەئە»~دۇر.


سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلىرىمدا، ئېھتىياجىم بولسىمۇ، ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمنى سالمىدىم. چۈنكى، ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن كەلگەن قېرىنداشلار كەم-كۈتىمنى تولۇقلاپ بەردى. ھېچقانداق ئىشتا سىلەرگە يۈك بولماي كەلدىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يۈك بولمايمەن.


لېكىن، يېقىندا يېنىڭلاردىن قايتىپ كەلگەن تىموتىي ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار توغرىسىدا بىزگە ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدى. ئۇ سىلەرنىڭ بىزنى ھەر دائىم خۇرسەنلىك بىلەن ئەسلەپ تۇرغانلىقىڭلارنى، خۇددى بىزنىڭ سىلەرنى كۆرگۈمىز كەلگەندەك، سىلەرنىڭمۇ بىزنى كۆرگۈڭلار كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite