ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 18:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى25 رەببىمىزنىڭ يولى توغرۇلۇق مەلۇم دەرىجىدە تەلىم ئالغان ئاپوللوس رەببىمىز ئەيسا ھەققىدە قىزغىن سۆزلەپ تەلىم بېرەتتى. ئۇنىڭ تەلىمى توغرا بولسىمۇ تولۇق ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش توغرۇلۇق يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈشىدىنلا بىلەتتى. Gade chapit la |
ئۇلار كېلىپ ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، سىزنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز، چۈنكى كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۇلارغا خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلدىڭىز. سىزچە رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج تاپشۇرۇشىمىز تەۋرات قانۇنىمىزغا خىلاپمۇ قانداق؟ زادى باج تاپشۇرامدۇق-تاپشۇرمامدۇق؟ - دېيىشتى.
پەرۋەردىگار خەلققە مۇنداق دېدى: «سىلەر تۆت كوچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، شۇڭا يولۇڭلارنى كۆزىتىڭلار. كونا، ئىشەنچلىك يولنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سوراڭلار. قايسى يولنىڭ بەخت-سائادەتكە باشلايدىغانلىقىنى سوراپ، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار ئارام تاپىدىغان جاينى تاپالايسىلەر. بىراق خەلقىم: ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭمايمىز!› دېدى.