Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 18:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 پاۋلۇس قەيسەرىيە شەھىرىدە كېمىدىن چۈشۈپ، يېرۇسالېمغا باردى. ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئانتاكيا شەھىرىگە كەتتى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 18:22
16 Referans Kwoze  

فىلىپ بولسا ئۆزىنىڭ ئاشدود شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىن قەيسەرىيە شەھىرىگىچە بولغان ھەممە شەھەرلەرنى كېزىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزدى.


لېكىن، فېستۇس يەھۇدىيلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن، پاۋلۇستىن: - سېنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىپ، ئۇ يەردە بۇ شىكايەتلەرگە ئاساسەن سوتلىسام قانداق؟ - دەپ سورىدى.


فېستۇس فېلىكسنىڭ ئورنىغا ۋالىي بولۇپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى قەيسەرىيىگە كېلىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن يېرۇسالېمغا بارغانىدى.


قوماندان يۈزبېشىدىن ئىككىنى چاقىرتىپ: - ئىككى يۈز پىيادە لەشكەر، يەتمىش ئاتلىق لەشكەر ۋە ئىككى يۈز نەيزىۋاز لەشكەر ھازىرلاپ، بۈگۈن كېچە سائەت توققۇزدا قەيسەرىيە شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىڭلار!


ۋەكىللەر يولغا چىقىپ، بارنابا ۋە پاۋلۇس بىلەن بىللە ئانتاكياغا باردى. ئۇ يەردە پۈتۈن ئېتىقادچىلارنى يىغىپ، خەتنى ئۇلارغا تاپشۇردى.


«ھۆرمەتلىك ئانتاكيا، سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلار! يېرۇسالېمدىكى قېرىنداشلىرىڭلاردىن، يەنى بىز ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەردىن سىلەرگە سالام!


پاۋلۇسلار يېرۇسالېمغا كەلگىنىدە، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۇلار كۆپچىلىككە خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىنى يەتكۈزدى.


ئاندىن، ئۇ يەردىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيىدىكى ئانتاكياغا قايتتى. ئۇلار ئۆزلىرى تاماملىغان بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتىن بۇرۇن، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلارنىڭ دۇئاسىنى ئالغان بولۇپ، ئېتىقادچىلار ئۇلارنى خۇداغا تاپشۇرۇپ، شۇ چەت زېمىنلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەنىدى.


ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە بەزى پەيغەمبەرلەر ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر بار ئىدى. ئۇلار بارنابا، «قارا» لەقەملىك شىمون، كىرىنىلىك لۇكى، ھىرود خان بىلەن بىللە چوڭ بولغان مېناھېن ۋە سائۇل قاتارلىقلار ئىدى.


دەل شۇ چاغدا، قەيسەرىيىدىن مېنى چاقىرىشقا ئەۋەتىلگەن ئۈچ كىشى مەن تۇرغان ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى.


ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار قەيسەرىيىگە يېتىپ باردى. كورنىلىي تۇغقانلىرى ۋە يېقىن يار-بۇرادەرلىرىنى ئۆيىگە يىغىپ، پېترۇسلارنى كۈتۈپ تۇراتتى.


قەيسەرىيە شەھىرىدە كورنىلىي ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ رىم قوشۇنىدىكى «ئىتالىيە» دەپ ئاتالغان قىسىمنىڭ يۈزبېشى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite