Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 18:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 خالايىق يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىنىڭ مەسئۇلى سوستېنىسنى تارتىپ چىقىپ، سوراقخانىنىڭ ئالدىدا قاتتىق ئۇردى. بىراق، ۋالىي غاللىيو بۇ ئىشقا قىلچە پىسەنت قىلمىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 18:17
7 Referans Kwoze  

خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە مەن ئارقىلىق قېرىندىشىمىز سوستېنىستىن كورىنت شەھىرىدىكى خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام. ئەيسا مەسىھكە ئىبادەت قىلىۋاتقان ھەرقايسى جايدىكى كىشىلەرگە ئوخشاش، سىلەرمۇ بىزنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ رەببى بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن پاك قىلىنىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى بولۇشقا چاقىرىلدىڭلار.


شۇنداقتىمۇ، بىز يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر يەنىلا ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. يەھۇدىيلار ئۇنى ھاقارەت دەپ قارىسا، گرېكلار ئۇنى ئەخمىقانىلىك دەپ قارايدۇ.


پاۋلۇسنىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىغان بەزى كىشىلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى. يەنە بەزىلەر: - بۇ ئىشنى يەنە بىر ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىمىز، - دېدى.


چوڭ قەدەھلەردە شاراب ئىچىپ، ئەڭ ئېسىل مايلارنى ئۆزۈڭلارغا سۈرتىسىلەر. ئەمما سىلەر ئۆز خەلقىڭلارنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىدىن ئەنسىرىمەيسىلەر.


پىلاتۇس سوراق مۇنبىرىدە ئولتۇرغاندا، ئايالى ئۇنىڭغا: - ئۇ بىگۇناھ ئادەمگە تەگمەڭ. ئۇ تۈنۈگۈن كېچە چۈشۈمگە كىرىپ، كۆپ ئازابلاندىم، - دەپ خەۋەر ئەۋەتتى.


بۇ چاغدا، مەلۇم بىر ئىبادەتخانىنىڭ يائىر ئىسىملىك بىر مەسئۇلى كەلدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ ئايىغىغا يىقىلىپ: - كىچىك قىزىم سەكراتقا چۈشۈپ قالدى. بېرىپ ئۇنىڭغا قولىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ ساقىيىپ ئۆمۈر كۆرسە! - دەپ يالۋۇردى.


ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇلى كرىسپۇس پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. يەنە نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەس كورىنتلىقلارمۇ پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىدى ۋە چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite