Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 17:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 لېكىن، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى تاپالماي، ياسۇن ۋە باشقا بىرنەچچە ئېتىقادچىلارنى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا تارتىپ ئاپىرىپ: - ھەممە جايلاردا ئالەمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلماقچى بولغان ھېلىقى ئادەملەر شەھىرىمىزگىمۇ يېتىپ كەلدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 17:6
18 Referans Kwoze  

بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، بۇ جېدەلخور پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىيلار ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى رىم ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىشقا كۈشكۈرتۈۋاتقان بۆلگۈنچى ۋە شۇنداقلا «ناسىرەلىكلەر» دەپ ئاتالغان بىر گۇرۇھنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرىدۇر.


لېكىن، سېنىڭ پىكىرلىرىڭنى ئاڭلاپ باقماقچىمىز. چۈنكى، سەن تەئەللۇق بولغان بۇ ئېقىمنىڭ ھەممە يەردە قارشىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار! - دېيىشتى.


لېكىن، ئۇلار تېخىمۇ قەتئىي تۈردە: - ئۇ ئۆز تەلىملىرى بىلەن پۈتۈن يەھۇدىيلار زېمىنىدىكى ئاممىنى قۇترىتىپ، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن باشلاپ تاكى بۇ يەرگىچە كەلدى، - دېيىشتى.


خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنىڭ بارلىق مىللەتلەرگە ئاڭلىتىلىشى ئۈچۈن، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدۇ، ئاندىن زامان ئاخىرى كېلىدۇ.


بەيتەل شەھىرىنىڭ روھانىيسى ئامازيا ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامغا ئادەم ئەۋەتىپ، مۇنداق ئۇچۇر بەردى: «ئاموس ئىسرائىلىيە خەلقى ئارىسىدا ساڭا قارشى قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا تاقىتى قالمىدى.


شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئېتىقادچىلاردىن بىر يۈز يىگىرمىگە يېقىن كىشى جەم بولۇشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن پېترۇس ئۆرە تۇرۇپ مۇنداق دېدى:


بىراق، يەھۇدىيلار بۇنىڭغا ھەسەتخورلۇق قىلدى. ئۇلار كوچىدا بىكار يۈرىدىغان ئاقنانچىلارنى توپلاپ، شەھەردە توپىلاڭ كۆتۈردى. يەھۇدىيلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى تۇتۇپ، توپىلاڭچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىش مەقسىتىدە ياسۇن ئىسىملىك بىر ئېتىقادچىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىردى.


ئېتىقادچىلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شۇ كۈنى كەچ كىرىش بىلەنلا، بېرىيا شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى.


شۇڭا، ئېتىقادچىلار پاۋلۇسنى دەرھال دېڭىز بويىدىكى جايلارغا ئەۋەتىۋەتتى. سىلاس بىلەن تىموتىي بولسا بېرىيادا قالدى.


چۈنكى، ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەم ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان قىيامەت كۈنىنى بەلگىلىدى. خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى بۇ ئىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite