Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 17:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 بىراق، يەھۇدىيلار بۇنىڭغا ھەسەتخورلۇق قىلدى. ئۇلار كوچىدا بىكار يۈرىدىغان ئاقنانچىلارنى توپلاپ، شەھەردە توپىلاڭ كۆتۈردى. يەھۇدىيلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى تۇتۇپ، توپىلاڭچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىش مەقسىتىدە ياسۇن ئىسىملىك بىر ئېتىقادچىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىردى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 17:5
26 Referans Kwoze  

تەكەببۇرلۇق قىلمايلى، بىر-بىرىمىزنى رەنجىتمەيلى، بىر-بىرىمىزگە ھەسەت قىلمايلى.


لېكىن، سالونىكادىكى يەھۇدىيلار پاۋلۇسنىڭ بېرىيادا ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگە بېرىپ پاۋلۇسقا زىيانكەشلىك قىلىش مەقسىتىدە توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاممىنى قۇتراتتى.


ھەسەتخورلۇق، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت قاتارلىق گۇناھلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇرۇنقىدەك يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇرۇن يوق.


خىزمەتدىشىم تىموتىي ۋە يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم لۇكى، ياسۇن ھەم سوسىپاتېرلاردىن سىلەرگە سالام.


ياسۇن ئۇلارنى ئۆيىگە قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئەيسا ئىسىملىك باشقا بىر پادىشاھ بار دەپ، رىم ئىمپېراتورىنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ! - دەپ چۇقان سېلىپ، يالغان شىكايەت قىلدى.


بىراق، ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلار باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئىدىيىسىنى زەھەرلەپ، ئۇلارنى ئېتىقادچىلارغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى.


چۈنكى، سىلەر تېخىچە گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشاۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىكى ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرالارنىڭ بولۇشى بۇنى ئىسپاتلىمامدۇ؟ بۇ يەنە سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولمىغان كىشىلەردەك ياشاۋاتقىنىڭلارنى كۆرسەتمەمدۇ؟


رىملىقلار بۈگۈنكى ۋەقەنى توپىلاڭ دەپ، بىزگە جازا بېرىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ ھېچ سەۋەبى بولمىغانىكەن، ھېسابىنىمۇ بېرەلمەيمىز-دە!


غاللىيو يۇنان ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بولغان ۋاقتىدا، يەھۇدىيلار بىرلىشىپ پاۋلۇسنى تۇتۇپ سوتقا ئاپىرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن:


لېكىن، ئانتاكيا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار كىشىلەرنى قۇتراتتى. نەتىجىدە، خەلق پاۋلۇسنى چالما-كېسەك قىلدى. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلدى دەپ ئويلاپ، شەھەر سىرتىغا سۆرەپ ئاپىرىپ تاشلىۋەتتى.


بىراق، بۇنچە كۆپ ئادەملەرنى كۆرگەن بىر قىسىم يەھۇدىيلار ھەسەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى.


پىلاتۇس ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ھەسەتخورلۇق قىلىپ ئۇنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى.


ئۇلار ئابىمەلەككە بائال-بىرىت بۇتخانىسىدىن 70 كۈمۈش تەڭگە بەردى. ئابىمەلەك بۇ تەڭگىلەرنى بىر توپ چاكىنا ئۆكتەملەرنى ياللاشقا ئىشلەتتى.


مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قەلبىمىزگە سالغان مۇقەددەس روھ بىزنىڭ خۇداغا ساداقەتمەن بولۇشىمىزنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىدۇ» دېيىلگەن. سىلەرچە، بۇ قۇرۇق سۆزمۇ؟


كېيىن، ئەجدادىمىز ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئىنىسى يۈسۈپتىن ھەسەت قىلىپ، ئۇنى مىسىرغا بارىدىغان سودىگەرلەرگە قۇل ئورۇندا سېتىۋەتتى. لېكىن، خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاچقا،


تەننىڭ ساغلاملىقىدۇر كۆڭۈل خاتىرجەملىكى، چىرىتار ھەسەتخورلۇق سۆڭەكنى.


تەنە قىلدى شەھەر قوۋۇقىدا ئولتۇرغانلار، مەيخورلارنىڭ ناخشىسىغا تېما بولدۇم.


پۇتلىشىپ كېتىۋېدىم خۇشال بولۇپ ئولاشتى ئەتراپىمغا، جەم بولۇشتى ھەم ماڭا قارشى چىقىشقا. ناتونۇش پەس ئادەملەرمۇ قوشۇلۇپ ئۇلارغا، مازاق قىلىپ، توختىماي زەربە بەردى ماڭا.


ئى پەرۋەردىگار، سەن جازالاش ئۈچۈن قولۇڭنى كۆتۈردۈڭ، لېكىن رەزىللەر بۇنى كۆرمىدى. ئۇلار سېنىڭ ئۆز خەلقىڭنى جان دىل بىلەن قوغدايدىغانلىقىڭنى كۆرسۇن ۋە خىجىل بولسۇن. سېنىڭ غەزىپىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئوتقا ئوخشاش يالماپ كەتسۇن.


لېكىن، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى تاپالماي، ياسۇن ۋە باشقا بىرنەچچە ئېتىقادچىلارنى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا تارتىپ ئاپىرىپ: - ھەممە جايلاردا ئالەمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلماقچى بولغان ھېلىقى ئادەملەر شەھىرىمىزگىمۇ يېتىپ كەلدى.


يەرلىك ئەمەلدارلار ياسۇن ۋە بىللە تۇتۇپ كېلىنگەن ئېتىقادچىلاردىن كاپالەت پۇلى ئالغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلارنى قويۇۋەتتى.


كۆپ قېتىم ئۇزۇن سەپەرلەردە بولۇپ، دەريالاردا ھەم قاراقچىلارنىڭ، ئۆز خەلقىمنىڭ، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا خېيىم-خەتەرلەرگە يولۇقتۇم. شەھەرلەردە، چۆللەردە، دېڭىزلاردا ۋە ساختا قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا خەۋپلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردۈم.


سىلەر بىزدىن، شۇنداقلا رەببىمىزدىن ئۈلگە ئالدىڭلار. چۈنكى، سىلەر ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاد-خۇراملىق ئىچىدە خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلدىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite