Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 17:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 شۇڭا، پاۋلۇس ئالدىغا چىقىپ مۇنداق دېدى: - ئەي ئافىنا خەلقى! سىلەرنىڭ كۈچلۈك ئېتىقادىي قىزغىنلىقىڭلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 17:22
8 Referans Kwoze  

ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ بۇ كىشى بىلەن تالاش-تارتىش قىلىشقىنى ئۆز دىنى ھەققىدىكى مەسىلىلەر ۋە ئەيسا ئىسىملىك بىر كىشى ھەققىدە ئىدى. ئۇ كىشى ئۆلگەن بولۇپ، پاۋلۇس بولسا ئۇ تىرىلدى دەيدىكەن.


ئاخىردا، شەھەرنىڭ يەرلىك ئەمەلدارى خالايىقنى تىنچلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: - ئەي ئەفەس خەلقى! بىز ئەفەسلىكلەرنىڭ ئۇلۇغ ئارتېمىس بۇتخانىسىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاسماندىن چۈشكەن مۇقەددەس تېشىنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان كىشى بارمۇ؟!


پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدە سىلاس بىلەن تىموتىينى كۈتۈپ تۇرغاندا، شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى بۇت قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن بىئارام بولدى.


بابىلنىڭ دەريالىرى ۋە قاناللىرىنىڭ سۇلىرى تارتىلىپ كېتىدۇ! ئۇلارنىڭ سۇلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ. بابىل زېمىنى بۇتلارغا تولۇپ كەتكەندۇر، ئۇنىڭ خەلقى بۇلارغا چوقۇنۇپ ئەقلىدىن ئازىدۇ.


پاۋلۇسقا ھەمراھ بولۇپ ماڭغانلار ئۇنى ئافىنا شەھىرىگىچە ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن بېرىياغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار پاۋلۇسنىڭ «سىلاس بىلەن تىموتىي مۇمكىنقەدەر مېنىڭ يېنىمغا تېزرەك كەلسۇن» دېگەن سۆزىنى ئېلىپ كەلدى.


شۇڭا، ئۇلار پاۋلۇسنى «ئارېئوپاگۇس» دېگەن چوڭ كېڭەش مەيدانىغا ئېلىپ بېرىپ: - سەن تارقىتىۋاتقان يېڭى تەلىماتلىرىڭدىن بىزنىمۇ ئاز-تولا خەۋەردار قىلىپ قويساڭ قانداق؟


بەزىلەر ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە كېڭەشمە ھەيئەتلىرىدىن دىيونىسىيۇس، دامارىس ئىسىملىك بىر ئايال ۋە باشقا بىرقانچە كىشىمۇ بار ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite