ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 17:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2-3 پاۋلۇس ئادىتى بويىچە ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ئۇدا ئۈچ دەم ئېلىش كۈنى ئۇ يەردە جەم بولغان كىشىلەر بىلەن مۇقەددەس يازمىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارغا قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئاندىن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەردى. - مەن سىلەرگە جاكارلىغان ھەزرىتى ئەيسا دەل قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ ئۆزى! - دېدى ئۇ. Gade chapit la |
شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن كۆرۈشۈشكە بىر كۈننى بەلگىلىدى. ئۇ كۈنى، پاۋلۇسنىڭ تۇرغان يېرىگە تېخىمۇ كۆپ كىشى كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيلار كۈتۈپ كەلگەن قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشقا تىرىشتى.