19 شۇڭا، ئۇلار پاۋلۇسنى «ئارېئوپاگۇس» دېگەن چوڭ كېڭەش مەيدانىغا ئېلىپ بېرىپ: - سەن تارقىتىۋاتقان يېڭى تەلىماتلىرىڭدىن بىزنىمۇ ئاز-تولا خەۋەردار قىلىپ قويساڭ قانداق؟
بۇنىڭدىن ھەيران بولغان كۆپچىلىك بىر-بىرىگە: - بۇ قانداق ئىش؟ يىپيېڭى بىر تەلىمغۇ! ئۇ دەرۋەقە جىنلارغا بۇيرۇق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن! ئۇلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە بويسۇنىدىكەن، - دېيىشتى.
شۇڭا، پاۋلۇس ئالدىغا چىقىپ مۇنداق دېدى: - ئەي ئافىنا خەلقى! سىلەرنىڭ كۈچلۈك ئېتىقادىي قىزغىنلىقىڭلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن.
شۇنىڭ بىلەن، ئاگرىپا خان پاۋلۇسقا: - ئۆزۈڭنى ئاقلىشىڭغا رۇخسەت، - دېدى. پاۋلۇس قولىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى:
ئاگرىپا فېستۇسقا: - مەنمۇ بۇ كىشىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقاي، - دېدى. - ئەتە ئاڭلايسىز، - دېدى فېستۇس.
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ۋالىي فېلىكس يەھۇدىي ئايالى درۇسىلا بىلەن بىللە كېلىپ، پاۋلۇسنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش يولىنى ئاڭلىدى.
بەزى ئىشلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھەيران بولدۇق، زادى نېمە دېمەكچى بولغىنىڭنى بىلمەكچىمىز، - دېيىشتى.
ھازىر سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر بېرىمەن. «بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.»
سىلەر ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ۋالىي ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراققا تارتىلىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولىسىلەر.
بەزىلەر ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە كېڭەشمە ھەيئەتلىرىدىن دىيونىسىيۇس، دامارىس ئىسىملىك بىر ئايال ۋە باشقا بىرقانچە كىشىمۇ بار ئىدى.
قوماندان ئۇنى قولىدىن تۇتۇپ، بىر چەتكە تارتىپ: - مەلۇم قىلىدىغان نېمە ئىشىڭ بار؟ - دەپ سورىدى.
قاراۋۇل جاۋاب بېرىدۇ: «تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، ئارقىدىن كېچە بولىدۇ. ئەگەر يەنە سورىماقچى بولساڭ، قايتىپ كېلىپ، ئاندىن سورا.»