Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 17:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدە سىلاس بىلەن تىموتىينى كۈتۈپ تۇرغاندا، شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى بۇت قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن بىئارام بولدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 17:16
20 Referans Kwoze  

نەپرەتلىنىمەن ئىتائەتسىزلەرگە، رىئايە قىلمىغاچ سۆزلىرىڭگە.


لېكىن، خۇدا بۇ ئىككى شەھەردىكى كىشىلەرنى جازالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ شەھۋانىيلىقلىرىدىن يىرگەنگەن ھەم توغرا يولدا ماڭغان لۇتنى قۇتقۇزغانىدى.


خەلقلەر بويسۇنمىغاچ قانۇنۇڭغا، كۆز يېشىم دەريا بولۇپ ئاقماقتا.


ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە غەزەپ بىلەن كۆز يۈگۈرتتى. ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ئۇنى ئېچىندۇرغانىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى كېسەلگە: - قولۇڭنى ئۇزات! - دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى.


لېكىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ روھىغا چۆمدۈم، قۇدرەت، ئادالەت ۋە كۈچكە تولدۇم. مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالىمەن.


ئەگەردە، مەن ‹سېنى تىلىمغا ئالمايمەن، سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆزلىمەيمەن› دېسەم، سېنىڭ سۆزلىرىڭ يۈرىكىمدە ئوتتەك كۆيىدۇ، سۆزلىرىڭ سۆڭەكلىرىمدىكى بىر ئوتقا ئوخشايدۇ. مەن ئۇلارنى سىر ساقلاشقا تىرىشسام چارچاپ كېتىمەن، ئۇنى سۆزلەشكە مەجبۇر بولىمەن.


چۈنكى مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان مۇھەببىتىم ئۇرغۇتىدۇ خۇددى ئوتتەك مېنىڭ قەلبىمنى. ساڭا ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرىمۇ، باستى ھەم مېنىڭ ئۈستۈمنى.


ئىلياس جاۋابەن: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، مەن سېنىڭ خىزمىتىڭنى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن قىلدىم. لېكىن ئىسرائىلىيە خەلقى سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى بۇزۇپ، پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. يالغۇز مەنلا قالدىم، ئۇلار ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشۇۋاتىدۇ، _ دېدى.


ئىلياس: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، مەن سېنىڭ خىزمىتىڭنى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن قىلدىم. لېكىن ئىسرائىلىيە خەلقى سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى بۇزۇپ، پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. يالغۇز مەنلا قالدىم، ئۇلار ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشۇۋاتىدۇ، _ دېدى.


چۈنكى، شەھەر ئىچىدە ھەممە يەرنى ئارىلاپ، سىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان جايلىرىڭلارنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمدە، قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىدە «مەلۇم بولمىغان خۇداغا» دەپ بېغىشلىما يېزىلغانلىقىنى كۆردۈم. مەن ھازىر دەل سىلەرگە مەلۇم بولمىغان، لېكىن سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان مانا شۇ خۇدانى سىلەرگە تونۇشتۇراي.


يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاز قالغاندا، ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا باردى.


پاۋلۇسقا ھەمراھ بولۇپ ماڭغانلار ئۇنى ئافىنا شەھىرىگىچە ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن بېرىياغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار پاۋلۇسنىڭ «سىلاس بىلەن تىموتىي مۇمكىنقەدەر مېنىڭ يېنىمغا تېزرەك كەلسۇن» دېگەن سۆزىنى ئېلىپ كەلدى.


(ئافىنالىقلار ۋە ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان چەت ئەللىكلەرنىڭ ھەممىسى كۆپ ۋاقتىنى يېڭى ئوي-پىكىرلەرنى ئاڭلاشقا ۋە ئالماشتۇرۇشقا سەرپ قىلىشاتتى.)


بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدىن كورىنت شەھىرىگە باردى.


ھازىر مۇقەددەس روھنىڭ ئەمرىگە ئاساسەن يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن. ئۇ يەردە قانداق ئىشلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىمنى ئۇقمايمەن.


بىز سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئالالماي، تاقىتىمىز قالمىغاندا، ئۆزىمىز ئافىنا شەھىرىدە يالغۇز قېلىپ، ئالدىڭلارغا قېرىندىشىمىز ھەم خۇدا يولىدا بىز بىلەن بىللە ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى تارقىتىۋاتقان خىزمەتدىشىمىز تىموتىينى ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite