Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 17:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئېتىقادچىلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شۇ كۈنى كەچ كىرىش بىلەنلا، بېرىيا شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 17:10
16 Referans Kwoze  

سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، بىز قېشىڭلارغا بېرىشتىن ئىلگىرى فىلىپى شەھىرىدە تۇرغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ يەردە ئازاب چەكتۇق ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق. كېيىن، سىلەرنىڭ شەھىرىڭلاردىمۇ يەنە قاتتىق قارشىلىقلارغا ئۇچرىدۇق. لېكىن، بىز خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن غەيرەتكە كېلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق.


پاۋلۇس ئادىتى بويىچە ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ئۇدا ئۈچ دەم ئېلىش كۈنى ئۇ يەردە جەم بولغان كىشىلەر بىلەن مۇقەددەس يازمىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارغا قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئاندىن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەردى. - مەن سىلەرگە جاكارلىغان ھەزرىتى ئەيسا دەل قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ ئۆزى! - دېدى ئۇ.


ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار، بېرىيالىق پىرۇس ئوغلى سوپاتېر، سالونىكالىقلاردىن ئارىستارخۇس بىلەن سېكۇندۇس، دەربەلىك گايۇس، تىموتىي ۋە ئاسىيا ئۆلكىسىدىن تىكىكۇس بىلەن تروفىملار ئىدى.


شۇڭا، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بىر كۈنى كېچىدە ئۇنى چوڭ سېۋەتكە ئولتۇرغۇزۇپ، سېپىل كۈنگۈرىدىن ئارتىلدۇرۇپ چۈشۈردى.


يوناتان داۋۇتقا: _ بىز پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، «پەرۋەردىگار ئىككىمىزنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ دوستلۇقىغا مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن» دېگەنىدۇق. ئەمدى سەن يولۇڭغا ماڭغىن، ئامان-ئېسەن بولغىن! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت كەتتى، يوناتانمۇ شەھەرگە قايتتى.


شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئېتىقادچىلاردىن بىر يۈز يىگىرمىگە يېقىن كىشى جەم بولۇشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن پېترۇس ئۆرە تۇرۇپ مۇنداق دېدى:


دەرھال يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىغا بېرىپ، «ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ ئوغلى» دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى.


شۇنداق قىلىپ، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكى باشقا پۈتۈن ئېتىقادچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىن بىرنەچچە ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنى پاۋلۇس ۋە بارنابا بىلەن بىللە ئانتاكياغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. يەھۇدا (بارسابا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن سىلاس بۇنىڭغا تاللاندى. بۇ ئىككىيلەن بۇرۇندىن ئېتىقادچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەنىدى. خەتتە مۇنداق يېزىلغان:


پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئامفىپولىس ۋە ئاپوللونىيا شەھەرلىرىدىن ئۆتۈپ، سالونىكا شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسى بار ئىدى.


يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلەر قايىل بولۇپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسقا ئەگىشىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. يەھۇدىي دىنىنى ياقلايدىغان نۇرغۇن گرېك ئەر ۋە يۇقىرى تەبىقىدىكى گرېك ئاياللارمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەندى.


لېكىن، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى تاپالماي، ياسۇن ۋە باشقا بىرنەچچە ئېتىقادچىلارنى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا تارتىپ ئاپىرىپ: - ھەممە جايلاردا ئالەمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلماقچى بولغان ھېلىقى ئادەملەر شەھىرىمىزگىمۇ يېتىپ كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite