Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 16:33 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

33 شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا گۇندىپاي ئۇلارنى باشلاپ چىقىپ، يارىلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى. ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 16:33
14 Referans Kwoze  

دۇرۇس، يەنە ئىستىپاناسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ چۆمۈلدۈردۈم. بۇلاردىن باشقىلارنى چۆمۈلدۈرگەن-چۆمۈلدۈرمىگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمەيمەن.


ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ: - ئەگەر سىلەر مېنى رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى، دەپ قارىساڭلار، مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ تۇرۇپ كېتىڭلار! - دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن، بىز ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئۆيىگە باردۇق.


تۈن يېرىمىغا يېقىن، پاۋلۇس بىلەن سىلاس دۇئا قىلىپ، خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىۋاتاتتى. باشقا مەھبۇسلار بولسا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى.


قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن، بۇ ئەركىنلىكىڭلار گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالمىسۇن. ئەكسىچە، بۇنى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى، دەپ بىلىڭلار.


بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، پەقەت مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئېتىقادلا مۇھىم، دەپ قارايمىز.


ئۇلار قاتتىق ئۇرۇلغاندىن كېيىن، زىندانغا تاشلاندى. گۇندىپايغا قاتتىق كۆزىتىش بۇيرۇلدى.


- بۈگۈن بۇ ئادەم قۇتقۇزۇلدى. چۈنكى، ئۇ ئېتىقاد بىلەن ئۆزىنىڭ ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.


پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا ئادەمنىڭ تۇتقان يولى، پەرۋەردىگار ھەتتا ياراشتۇرار دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇنى.


گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.


شۇنىڭ بىلەن، ئىككىيلەن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە رەببىمىز ئەيسا ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.


بۇ، بىزنىڭ ھازىرقى قۇتقۇزۇلغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدىغان سۇغا چۆمۈلدۈرۈشىمىزنىڭ ئالدىن بېشارىتى بولىدۇ. چۆمۈلدۈرۈلۈشىمىز بەدىنىمىزنىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق پاك ۋىجدان بىلەن خۇداغا بېغىشلىشىمىزدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite