Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 16:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەپ، زىنداننىڭ ئۇللىرىمۇ سىلكىنىپ كەتتى. زىنداننىڭ پۈتۈن ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، مەھبۇسلاردىكى كىشەنلەرمۇ چۈشۈپ كەتتى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 16:26
15 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئاياغلاشقاندا، ئۇلارنىڭ تۇرغان يېرى تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشكە باشلىدى.


لېكىن شۇ كېچە، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى زىنداننىڭ قاتمۇقات دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، ئەلچىلەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارغا:


ئۇلار بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قاراۋۇل پوستىدىن ئۆتۈپ، زىنداننىڭ شەھەرگە چىقىدىغان تۆمۈر دەرۋازىسىغا بارغاندا، دەرۋازا ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار دەرۋازىدىن چىقىپ، بىر كوچىدىن ئۆتكەندە، پەرىشتە تۇيۇقسىز پېترۇسنىڭ يېنىدىن غايىب بولدى.


تۇيۇقسىز كامېرغا كۈچلۈك بىر يورۇق نۇر چۈشۈپ، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈندى. پەرىشتە پېترۇسنىڭ مۈرىسىگە قېقىپ: - تېز تۇر! - دەپ ئويغاتتى. پېترۇسنىڭ قوللىرىدىكى زەنجىر شۇئان بوشاپ چۈشۈپ كەتتى.


يەتكۈزەر ئېزىلگەنلەرنى ئادىللىققا، رىزىق بىرەر ئاچ قالغانلارغا، ھۆرلۈك ئاتا قىلار مەھبۇسلارغا.


تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەپ كەتتى، چۈنكى رەبنىڭ پەرىشتىلىرىدىن بىرى ئاسماندىن چۈشۈپ، قەبرىگە بېرىپ تاشنى بىر يانغا دومىلىتىپ، ئۈستىدە ئولتۇرغانىدى.


سەن ئەمالارنىڭ كۆزىنى ئاچىسەن، سەن زىندانلاردىن كىشىلەرنى ئازاد قىلىسەن، قاراڭغۇلۇققا سولانغان كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىسەن.


دەل شۇ چاغدا، زېمىن شىددەتلىك تەۋرەندى، شەھەرنىڭ ئوندىن بىرى گۇمران بولۇپ، يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى. قالغانلىرى ئىنتايىن قورقۇشۇپ، ئەرشتىكى خۇدانى ئۇلۇغلاشتى.


ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللىدى، قەلبى جاراھەتلەنگەنلەرگە شىپاللىق بېرىشكە ئەۋەتتى. تۇتقۇنلارغا: «ئازاد بولىسىلەر!» دەپ جاكارلاشنى، گۇناھقا باغلانغانلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى.


ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلىغايسەن، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى قۇدرىتىڭدە ساقلىغايسەن.


ئاندىن، قوزىنىڭ ئالتىنچى پېچەتنى ئاچقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ۋاقىتتا، زېمىن قاتتىق تەۋرىنىپ، قۇياش بەئەينى قاپقارا كۆمۈرنىڭ، ئاي بولسا قاننىڭ رەڭگىگە كىردى.


ئۆي-ئۇچاقلىق قىلار خۇدا غېرىبلارنى، ئازاد قىلىپ، مۇنبەت يەرگە باشلار سۈرگۈنلەرنى، لېكىن، قاغجىراق يەرگە قالدۇرار بويسۇنمىغانلارنى.


ئۇ يېتىپ بارغاندا، پەيغەمبەرنىڭ جەسىتىنىڭ يولدا ياتقانلىقىنى، ئېشەكنىڭمۇ، شىرنىڭمۇ جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى، شىرنىڭ جەسەتنى يەۋەتمىگەنلىكىنى ۋە ئېشەكنىمۇ تالاپ ئۆلتۈرمىگەنلىكىنى كۆردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite