23 ئۇلار قاتتىق ئۇرۇلغاندىن كېيىن، زىندانغا تاشلاندى. گۇندىپايغا قاتتىق كۆزىتىش بۇيرۇلدى.
كەلگۈسىدە چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. بىلىپ قويغىنكى، شەيتان ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى يېقىندا زىندانغا تاشلىتىپ سىنىماقچى. سىلەر ئون كۈنگىچە قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە ماڭا سادىق بول. شۇ چاغدا، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن.
بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىمدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكتىم. ھەتتا جىنايەتچىلەردەك كىشەنلىنىپ، زىندانغا تاشلاندىم. لېكىن، ھېچكىم خۇدانىڭ سۆزىنى كىشەنلىيەلمەيدۇ.
لېكىن، يەنىلا سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭگە كۆرە ئىلتىماس قىلىشنى تاللىۋالدىم. بۇ ئىلتىماسنى مۇشۇ ياشقا كىرىپ قالغان ھەم ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا ھازىر مەھبۇس بولۇۋاتقان مەنكى پاۋلۇستىن دەپ بىلگىن.
شۇ سەۋەبلەردىن، رەببىمىزگە خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەن سىلەردىن خۇدانىڭ چاقىرىقىغا مۇناسىپ ياشىشىڭلارنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن.
شۇڭلاشقا، مەنكى پاۋلۇس ھەر دائىم سىلەرگە دۇئا قىلماقتىمەن. مەن سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن مەھبۇس بولدۇم.
گۇندىپاي پاۋلۇسقا: - ئەمەلدارلار سىلاس ئىككىڭلارنى قويۇۋېتىش ئەمرىنى بەردى. سىلەر ئەمدى زىنداندىن چىقساڭلار بولىدۇ. تىنچ-ئامان قايتىڭلار، - دېدى.
ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ زىنداننىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرگەن گۇندىپاي ھەممە مەھبۇسلار قېچىپ كەتسە، ئەمەلدارلار چوقۇم مېنى ئۆلتۈرىدۇ دەپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى.
تاڭ ئاتقاندا، قاراۋۇللار پاتىپاراق بولۇشۇپ كەتتى. ئۇلار پېترۇسنىڭ قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدى.
پېترۇسنى تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، ھەربىرى تۆت لەشكەردىن تەشكىل تاپقان تۆت نۆۋەتچى قاراۋۇللار توپىغا تاپشۇردى. ھېيتتىن كېيىن، ھىرود خان ئۇنى ئوچۇق سوت قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى.
دەمەشق شەھىرىدىكى يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىغا تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ، سائۇل دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنىڭ ياردىمىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يولىدا ماڭغان ئەر-ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى يېرۇسالېمغا سوراق قىلىشقا ئېلىپ كەلمەكچى بولدى.
لېكىن، سائۇل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ۋەيرانچىلىق سېلىپ، ئەر-ئايال ئېتىقادچىلارنى ئۆيمۇئۆي ئىزدەپ تۇتۇپ، زىندانغا تاشلاشقا باشلىدى.
- بىز زىندانغا بارساق، ئۇنىڭ ئىشىكى مەھكەم قۇلۇپلاقلىق تۇرۇپتۇ. سىرتىدا قاراۋۇللارمۇ ساقلاپ تۇرۇپتۇ. لېكىن، ئىشىكنى ئېچىپ قارىساق، ئىچىدە بىرمۇ ئادەم يوق! - دەپ مەلۇمات بەردى.
شۇڭا، ئۇلار ئەلچىلەرنى تۇتۇپ، ھۆكۈمەت زىندانىغا قامىدى.
بىراق بۇ ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، سىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرايسىلەر. كىشىلەر سىلەرنى ئىبادەتخانىلارنىڭ سوراق قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ. ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ۋالىيلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ.
ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئۇلارغا ئاللىبۇرۇن: «مەن كىمنى سۆيسەم، ھەزرىتى ئەيسا شۇ. سىلەر ئۇنى تۇتۇڭلار» دېگەن ۋە سۆيۈش ئارقىلىق بەلگە بەرمەكچى بولغانىدى.
مەن قېرىندىشىڭلار يۇھاننامەن. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتكە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋە سەۋر-تاقەتكە ئورتاقمىز. خۇدانىڭ سۆزى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ قىلغان گۇۋاھلىقىنى تارقاتقانلىقىم ئۈچۈن، بىر مەزگىل پاتموس ئارىلىدا مەھبۇس بولۇپ تۇرۇپ قالغاندىم.
تاياق يېدۇق، زىنداندا ياتتۇق، توپىلاڭچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكلىرىگە دۇچ كەلدۇق، ھالىمىزدىن كەتكۈدەك ئىشلىدۇق، ئۇيقۇسىز قالدۇق ۋە ئاچارچىلىقلارغا ئۇچرىدۇق.
ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ ئەقىلدىن ئازغانلاردەك ئېيتسام، مەن ئۇلاردىن تېخىمۇ يۇقىرى تۇرىدىغان بىر خىزمەتكارى. مەن تېخىمۇ جاپالىق ئىشلىدىم، زىنداندا تېخىمۇ كۆپ ياتتىم. كۈرمىڭ قېتىم قامچا يېدىم، قايتا-قايتا ئۆلۈم خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدىم.
شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارغا دەريادىن چىقىشنى بۇيرۇدى.