Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 16:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 پاۋلۇس بۇ ئالامەتنى كۆرگەندىن كېيىن، بىز دەرھال ماكېدونىيىگە بېرىشقا تەييارلاندۇق. چۈنكى، خۇدانىڭ بىزنى ئۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە چاقىرغانلىقىنى چۈشەنگەنىدۇق.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 16:10
14 Referans Kwoze  

بىزنىڭ سۇ يولى بىلەن ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىگە بېرىشىمىز قارار قىلىنغاندىن كېيىن، رىملىق ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن باشقا مەھبۇسلارنى شاھانە قوشۇندىكى يۇلىيۇس ئىسىملىق بىر يۈزبېشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.


چۈش ۋاقتىدا يولدا كېتىۋېتىپ، ئاسماندىن چۈشكەن قۇياش نۇرىدىنمۇ كۈچلۈك بىر نۇرنىڭ ئەتراپىمنى ۋە بىللە كېتىۋاتقانلارنى يورۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم.


شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ئادەم ئەۋەتىپ مېنى چاقىرغاندا، ئىككىلەنمەي ئالدىڭلارغا كەلدىم. ئەمدى مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم، مېنى نېمىشقا چاقىردىڭلار؟ - دېدى.


ئالدىرىدىم، ئەمرلىرىڭنى ئىجرا قىلىشقا، ھەم ھېچ ئىككىلەنمىدىم.


يەرەد 162 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى خانوك قويدى.


دەمەشقتە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھانانىيا ئىسىملىك بىر ئېتىقادچىسى بار ئىدى. ئۇنىڭغا بىر ۋەھىي كەلدى. رەببىمىز ئەيسا ئۇنى: - ھانانىيا! - دەپ چاقىردى. - ئى رەببىم، مانا مەن، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.


شۇ كۈنى كەچتە، پاۋلۇسقا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈپ، ماكېدونىيىلىك بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ: - دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە كېلىپ، بىزگە ياردەم بەرسىڭىز! - دەپ تەلەپ قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite